خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى بىرلەشتۈرۈش ھەرىكىتى باشلىغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-12-09
Share

يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ببىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت سىياسىي ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم.

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» ئېلان قىلغان بىر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بىڭتۇەن 3-دىۋىزىيىسى جايلاشقان تۇمشۇق شەھىرى بىڭتۇەن ۋە يەرلىكنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۇمشۇق شەھىرى ئەتراپىدىكى رايونلار بىلەن بىرلىشىپ، بىر گەۋدىلىشىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويغان.

خەۋەرگە قارىغاندا بۇ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىشىشى باشقۇرۇشتا بىرلىشىش، ئىقتىسادتا بىرلىشىش، ئۇل ئەسلىھەدە بىرلىشىش، يەر – زېمىندا بىرلىشىش، مائارىپتا بىرلىشىش قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىدىكەن.

بىڭتۇەننىڭ مۇئاۋىن قوماندانى شې رۈييۈەن بۇ ھەقتە سۆز قىلغاندا: «پەقەت بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن زور تەرەققىياتقا ئېرىشكىلى ھەمدە شىنجاڭدىكى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى ماسلاشقىلى بولىدۇ،» دېگەن.

چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى بىرلەشتۈرۈش پىلانى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ناھايىتى زور سىياسەت ئۆزگىرىشىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ بىڭتۇەندىن ئىبارەت غەيرىي رەسمىي ئارمىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قامالىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت