ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى «غەربىي رايون پىلانى» ئارقىلىق يەنىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىغا قوبۇل قىلماقتىكەن

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئۇيغۇر رايونىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەشنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە.

«بىڭتۇەن گېزىتى» نىڭ 16-دېكابىر تارقاتقان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بىڭتۇەن «13-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە «غەربىي رايون پىلانى» دەپ ئاتالغان بىر سىياسەت بويىچە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن جەمئىي 6886 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى بىڭتۇەنگە قوبۇل قىلغان ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ پىلان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىڭتۇەنگە كېلىپ ئورۇنلىشىدىغان خىتاي كۆچمەنلەرنى يەنىمۇ كۆپەيتىش ئۈچۈن يولغا قويغان مەخسۇس ئىستراتىگىيەسى ئىكەن. ئۇلار يەنىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى جەلپ قىلىش مەقسىتىدە 2018-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىدىغان ئاتالمىش «پىدائىي» لارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان ئىكەن.

خەۋەردە يەنە مۇنداق دىيىلگەن: «ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ غەربىي رايوندا خىزمەت قىلىشى تەشەببۇس قىلىنغان ‹غەربىي رايون پىلانى› يولغا قويۇلغاندىن يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بىڭتۇەن 13 مىڭ 684 پىدائىي قوبۇل قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 4152 كىشى شىنجاڭدا قېلىپ يەرلەشتى. شەنشى ئۆلكىسى باۋجى شەھىرىدىن كەلگەن سەي دەنمېي پىدائىي بولۇپ سەككىزىنچى دىۋىزىيە 142-پولكىدا ئىشلىگەندىن كېيىن، بۇ يەردە يىلتىز تارتىشنى تاللىدى.»

خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ھەرخىل نام، ھەرخىل سىياسەتلەر بويىچە ئۇيغۇر ئېلىغا توختىماي خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەۋاتقان بولۇپ، بىڭتۇەن بۇ سىياسەتلەردە داۋاملىق باشلامچىلىق رول ئويناپ كەلگەن. بولۇپمۇ 2017-يىلى خىتاي مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىغاندىن بۇيان بۇ ھەرىكىتىنى يەنىمۇ تېزلەتكەن.

دەرۋەقە، يۇقىرىقى بۇ «غەربىي رايون پىلانى» دەپ ئاتالغان كۆچمەن يۆتكەش پىلانىنى خىتاي كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بىرلىكتە يولغا قويغان ئىكەن.