بىڭتۇەن ئاقسۇ تەۋەسىگە جايلاشتۇرۇلغان قىسىملىرىنى 13 - ماي ئالار شەھىرىگە جىددىي يىغىپ، ئۇلارنىڭ «ياز پەسىللىك تۇيۇقسىز چىقىدىغان ۋەقەلەرگە قارىتا ئىقتىدارىنى سىناش» مانېۋىرى ئېلىپ بارغان.
«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ 13 - ماي خەۋەر قىلىشىچە، ئالارغا بۇيرۇق بىلەن يىغىلغان قىسىملار بىڭتۇەن 1 دېۋىزىيە 11 - پولكى، 13 - پولكى ۋە 14 - پولكىغا تەۋە 382 ئەسكەر ئىكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، دائىرىلەر ئەسكەرلەرنى تۇيۇقسىز يىغىشنىڭ ئۇلارنىڭ «تاسادىپىي كۆرۈلگەن ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ۋە مۇقىملىق ساقلاش تەرەپلەردىكى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئالار شەھىرىدىكى بىڭتۇەن ئەسكەرلىرى جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇش بەشىنچى باتاليونىغا قارايدىكەن.
خەۋەردە ئارال شەھىرى ھەققىدە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: «ئالار شەھىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىستراتېگىيەلىك قاتناش غول لىنىيەسى - خوتەن - كۇچا تەكلىماكان تاش يولى ئۆتىدىغان ئورۇن.»
خەۋەرگە قارىغاندا، ئالار شەھىرى قەشقەرگە 600 كىلومېتىر، ئاقسۇغا 120 كىلومېتىر ئۈرۈمچىگە 1000 كىلومېتىر كېلىدىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا بىڭتۇەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنى كۆپەيتىشكە باشلىغان.
قەشقەر مارالبېشىغا يېقىن قۇرۇلغان تۇمشۇق شەھىرى ۋە خوتەنگە قۇرۇلۇۋاتقان قۇرۇمقاش شەھەرلىرى شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن دۇر.
خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۇرۇپ، بىڭتۇەنگە قارىتىلغان ياردەم ۋە قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ كەلمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 30 - مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەننىڭ 2016 - يىللىق ئىجتىمائىي مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنى 198 مىليارد سومغا يەتكۈزمەكچى بولغان.
