ئامېرىكانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاياقلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىغا قارىماي، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىڭتۇەن تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان پاختىلارنى مەنبە قىلغان بىر قىسىم مەھسۇلاتلارنىڭ يەنىلا ئامېرىكا بزارلىرىدا سېتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
ۋاشىنگتوندىكى ئاقىللار ئامبىرى بولغان «ئىلغار مۇداپىيە تەتقىقات مەركىزى» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكادىكى Target ،Walmart قاتارلىق چوڭ تىپتىكى پارچە سېتىش دۇكانلىرىدا مۇشۇ خىلدىكى پاختا مەھسۇلاتلىرى بار ئىكەن. بۇ ھەقتىكى دوكلاتنىڭ ئاپتورى ئىرىنا بۇخارىن «مەنبە» ژورنىلىغا مۇنداق دېگەن: «تەھلىلىمىز شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى خورلاش يەنىلا يەر شارى سودا ۋە پۇل-مۇئامىلە ساھەسىگە كەڭ كۆلەمدە باغلىنىشلىق بولۇپ قالغان. ئۇ مودا سانائىتىگىمۇ كېڭەيگەن».
بۇخارىننىڭ ئىزاھلىشىچە، ئادەتتە بىر مەھسۇلاتنىڭ بىر قانچە ۋاستىچى تەمىنلىگۈچىلەردىن ئۆتۈشى ئۇ مەھسۇلاتنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئېنىقلاشقا توسالغۇ بولۇۋاتقان بولۇپ، بۇ ئامېرىكانىڭ بىڭتۇەندە ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرىغا قويغان چەكلىمىسىنىڭ ئۈنۈمىنى چۈشۈرمەكتىكەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، شيامېن خەلقئارا سودا گۇرۇھى شىركىتى ئۆز تور بېتىدە بىڭتۇەننىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا بازارغا سالىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكادىكى JCPenney ،Macy's ،Kohl ۋە Target قاتارلىق پارچە ساتقۇچى دۇكانلارغا مال تەمىنلەيدىغان MMI توقۇمىچىلىق شىركىتىگە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم مال سالغان ئىكەن.
MMI توقۇمىچىلىق سانائىتى شيامېندىكى سودا گۇرۇھى بىلەن ئاخىرقى قېتىم 2019-يىلى 1-ئايدا سودىسىنى ئاياقلاشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
تەتقىقاتچى بۇخارىننىڭ دىيىشىچە، بىڭتۇەننىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ مۇرەككەپلىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇم بىلەن باغلىنىشى بار-يوقلىقىنى چۈشىنىشىنى قېيىنلاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ئېلىدىن بىۋاسىتە پاختا سېتىۋالماسلىقنىڭ زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى نامايەن قىلىپ بېرىدىكەن.
ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن پارچە ساتقۇچىلارنىڭ ياكى ئامېرىكادىكى تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ مەھسۇلاتنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.