بىڭتۇەن دائىرىلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارغا «قوش تىللىق كىتاب تارقىتىش» پائالىيىتى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.03.01


خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بېرىلگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەرنىڭ يېقىندىن بۇيان ئاۋام ئۇيغۇر پۇقرالىرى ئارىسىدىمۇ خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت سىياسىتى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە خىتاي تىلىدا قىزىل ناخشا ئېيتىش، قوش تىلدا نەشر قىلىنغان كىتابلارنى تارقىتىش پائالىيەتلىرىنى كۆپەيتىشى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

خىتاينىڭ شىنجاڭ خەۋەرلەر تورىنىڭ 1 - مارتتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى 2 - دېۋىزىيىسىنىڭ 223 - پولكى تەۋەلىكىدىكى مەسچىتتە 1 - مارت كۈنى مەخسۇس «مۇسۇلمانلارغا قوش تىللىق كىتاب تارقىتىش مۇراسىمى» ئۆتكۈزۈلۈپ، خىتايچە، ئۇيغۇرچە يېزىقلار بىلەن ئىزاھات بېرىلگەن رەسىملىك كىتابچىلار تارقىتىلغان.

خەۋەردە بۇ خىل مۇراسىملارنىڭ مەقسىتى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، 600 پارچىدىن ئارتۇق قوش تىلدىكى ياش - ئۆسمۈرلەر تەربىيىسى، كۈندىلىك تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش ساۋاتلىرى قوللانمىلىرىنىڭ مەسچىت جامائىتىگە تارقىتىلغانلىقى، قوش تىلدا بېسىلغان بۇ كىتابلارنىڭ بالىلار ۋە ئاياللارنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەت تەربىيىسىنىڭ تەسىرىدە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.