«بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇش» پىلانى بويىچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى قەشقەردىكى بىڭتۈەن دىۋىزىيەسىگىمۇ ياردەم بەرمەكچى بولغان

خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى» ، «شىنجاڭ گېزىتى» تورى 11-ئىيۇل كۈنى چىقارغان خەۋەرگە قارىغاندا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۇيغۇر رايونىغا كېلىپ، ما شىڭرۈينىڭ ھەمراھلىقىدا قەشقەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن ۋە «شىنجاڭغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىش» ئەھۋالىنى مۇزاكىرىلەشكەن.

خىتاينىڭ 10 يىللار ئىلگىرى چىقارغان «شىنجاڭغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىش» سىياسىتى بويىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى قەشقەرگە مەسئۇل قىلىنغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ ئۆلكە قەشقەرگىلا ئەمەس، بۇ ۋىلايەتتىكى بىڭتۈەن ئورۇنلىرىغىمۇ ياردەم بەرمەكچى بولغان، بۇ تەرەققىيات خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنى بىر شاھمات تاختىسىغا ئايلاندۇرۇش» پىلانىنىڭ داۋاملىق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

7-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېچىلغان «گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە بىڭتۈەنگە نۇقتىلىق ياردەم بېرىش سۆھبەت يىغىنى» دا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم سېكرېتارى خۇاڭ كۈنمىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ كەلگۈسىدە «شىنجاڭنىڭ مائارىپى ۋە پەن-تېخنىكىسى گۈللەندۈرۈش ۋە شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» قا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، بىڭتۈەن بىلەن تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى، بىڭتۈەننىڭ نوپۇسىنى كۆپەيتىش ۋە سەر خىللاشتۇرۇشقا ھەسسە قوشۇپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

بۇ خەۋەردىن قارىغاندا، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىمۇ ھازىر يەرلىكنى بىڭتۈەنگە قوشۇۋېتىش سىياسىتىگە ئاكتىپ ماسلىشىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ماجۈ ئەپەندى بىڭتۈەننىڭ كېڭىيىشىنىڭ مۇقەررەر ھادىسىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇنىڭ خىتاينىڭ ئەڭ كۈچلۈك مۇستەملىكە ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قورالى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بىڭتۈەننى كۈچەيتىش شى جىنپىڭنىڭ بىردىنبىر تاللىشى ۋە ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىغا ئايلىنىپ قالدى. خىتاي مۇشۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ماكانىنى تامامەن خىتاينىڭ ئاياغ ئاستىغا تاشلاپ بەرمەكچى» دېگەنىدى.