خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-03-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يېرىم ئىشلەپچىقىرىش يېرىم ھەربىي تەشكىلاتى - بىڭتۇەننى ئېتىبار بېرىش، ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە مالىيە ياردىمىنى كۆپەيتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق داۋاملىق كۈچەيتمەكتە. كۆزەتكۈچىلەر ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىڭتۇەننى كۈچەيتىشى رايوندا پاراللېل دۆلەت فونكىسىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇقىملىقىغا زور تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەننى ئۇيغۇرلارغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ھالقىلىق قورالى، دەپ قاراپ، بۇ خىل ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قۇلاق سالماي كەلدى.

يېقىندا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى بىڭتۇەنگە ئۇنىڭ دېھقانچىلىق ئىگىلىكىنى قوللاش ۋە قوغداش خاراكتېرلىك 180 مىليون يۈەن ياردەم پۇلى ئاجراتقانلىقى ئاشكارىلاندى. «جۇڭگو خەۋەرلىرى» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ پۇل نۇقتىلىق بىڭتۇەننىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى كۆلەملەشتۈرۈشى، قەرز پۇل ئۆسۈمىنى قايتۇرۇشى، تېخنىكا يېڭىلىشى ۋە ئىجتىمائىيلاشقان دېھقانچىلىق مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق 4 ساھەگە سەرپ قىلىنغان. تەنقىدچىلەر، بىڭتۇەنگە بېرىلگەن بۇ خىل ياردەم يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئادالەتسىز رىقابەت مۇھىتى يارىتىپ، يەرلىكنىڭ دېھقانچىلىق رىقابەت كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. 

«جۇڭگو خەۋەرلىرى» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە ئۆتكەن يىلى بىڭتۇەننىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى، 1.9 پىرسەنت، پاختا ئىشلەپچىقىرىشى 7.20 پىرسەنت ئارتقان. بۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2018‏-يىللىق ئومۇمى پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 40 پىرسەنتىنى، خىتاينىڭ ئومۇمى پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 5.33 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەننىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ياردەم بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قامىشى ئۇيغۇر دېھقانچىلىقىنى ۋەيرانچىلىققا ئۇچراتقان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت