خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ 13-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بىڭتۇەن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئالدىنقى پەسىلدە 19 مىڭ 800 كىشىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بۇ ھال ئالدىنقى پەسىلگە سېلىشتۇرغاندا 7.7 پىرسەنت ئاشقان. شۇنىڭدەك بۇ خىلدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇقىم داۋام قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بىڭتۇەن سىستېمىسى يېقىنقى يىللاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا كۆپلىگەن ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش» بۇنىڭدىكى مۇھىم چارىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن. «بىڭتۇەن خەۋەرلىرى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى دېۋىزىيەلىرىدىكى شەھەرلەرگە جايلاشقان يۈزگە يېقىن شىركەت 1-ماي كۈنىنىڭ ئۆزىدىلا مىڭدىن ئارتۇق كىشى بىلەن خىزمەت توختامى تۈزگەن. بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ بۇنىڭدا ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىگەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
ئىزچىل تۈردە «دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان بىڭتۇەن سىستېمىسى 1954-يىلىدىن باشلاپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا كېڭىيىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بىڭتۇەننىڭ «ئاپتونوم رايون» قۇرۇلمىسىنى كونترول قىلى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە تەسىس قىلىنغان سىياسىي گەۋدە ئىكەنلىكى ئالېكسا ئولېسېن (Alexa Olesen)، بېسانىي ئىبراھىميان (Ebrahimian Bethany) قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايانلىرىدا كۆپ قېتىم تىلغان ئېلىنغان ئىدى. بۇ ھال «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» 2020-يىلى ئاۋغۇستتا ئېلان قىلغان «بىڭتۇەن ھەققىدىكى بەش ساۋات» ناملىق دوكلاتتا تېخىمۇ تەپسىلىي شەرھلىنىپ، بىڭتۇەن سىستېمىسىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقنى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىجرا قىلغۇچى ئەڭ مۇھىم كۈچلەردىن ئىكەنلىكى كۆرسىتىپ بېرىلگەن ئىدى.
يېقىنقى يىللاردا بولسا بىڭتۇەن سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىجرا قىلىشتىكى ئەڭ ئاساسلىق كۈچ بولۇپ كەلگەنلىكى ئاشكارا بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىڭتۇەن سىستېمىسىغا قارىتا ئوخشىمىغان جازا تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلغانىدى.
نۆۋەتتە خىتايدىكى ئىقتىسادىي چېكىنىش ۋە ئىشسىزلىق ۋەھىمىسىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ مىڭلىغان خىتاي ياشلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىڭتۇەن سىستېمىسى تەمىن ئەتكەن يۇقىرى مائاشلىق خىزمەت پۇرسەتلىرىنى تاللاشقا باشلىغانلىقى مەلۇم. بۇ ھال ئۆز نۆۋىتىدە بىڭتۇەننى تېخىمۇ كېڭەيتىشكە خىزمەت قىلىدۇ، دەپ قارالماقتا.