«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» ئېمبارگونىڭ بىڭتۈەنگە كۆپ خىل تەسىرى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-08-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خوڭكوڭدىكى «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتى 24-ئاۋغۇست خەۋەر بېرىپ، ئامېرىكانىڭ «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» گە يۈرگۈزگەن ئېمبارگوسى ئامېرىكا تاشقى مۈلۈك كونترول ئىشخانىسىنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئېمبارگو ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ بىڭتۈئەنگە كۆپ خىل تەسىرى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، ئېمبارگو بانكىلارنىڭ قەرز بېرىشىنى بوغۇشتىن تارتىپ، ئۇنىڭ پاختا، پەمىدۇرغا ئوخشاش يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشىغىچە بولغان كۆپ خىل ساھەلەرگە تەسىرى بولىدىكەن.

يېقىندا ئامېرىكادىكى «سايارى» ناملىق تور بېكىتى بىڭتۇەننىڭ 147 دۆلەتتىكى 860 مىڭدىن ئارتۇق شىركەتتە پېيى بارلىقىنى ئاشكارىلىغان. خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، بىڭتۇەننىڭ 2018-يىلىدىكى ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 36 مىليارد 400 مىليون دوللار بولۇپ، ئۇ 5 مىليارد 880 مىليون دوللارلىق مەھسۇلات ئېكسپورت قىلغانىكەن. سابىق ئامېرىكا دىپلوماتى، «خاررىس برېنكېن خەلقئارا قانۇن شىركىتى» نىڭ ئادۋوكاتى فرەد روكافورت بۇ ئېمبارگونىڭ «ئىجابىي بىر تەرەققىيات» ئىكەنلىكى، لېكىن ئۇنىڭ بىڭتۇەنگە يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ ئېمبارگونى «خىتاينىڭ بىر ئۆلكىسى ياكى بىر چوڭ شەھىرىنى جازالاشقا سېلىشتۇرۇش مۇمكىن» ئىكەن. خەۋەردە يەنە سودا ئادۋۇكاتلىرىنىڭ ئېمبارگو خەلقئارا بانكىلارنىڭ بىڭتۇەن بىلەن سودا قىلىشىنى چەكلىشى مۇمكىن، دەپ قاراۋاتقانلىقى، ئامېرىكادىكى «رېد سىمىت قانۇن شىركىتى» نىڭ ئادۋوكاتى ساراھ ۋرونىسكىنىڭ خەلقئارا بانكىلارنىڭ بىڭتۇەن بىلەن بولغان مۇئامىلىسى ئامېرىكا تاشقى مۈلۈك كونترول قىلىش ئىشخانىسى تەرىپىدىن قاتتىق تەقىب قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى تەكىتلەنگەن. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى بۇ يىل 31-ئىيۇل بىڭتۇەنگە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقى سەۋەبلىك ئېمبارگو يۈرگۈزگەنىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت