«ياپون ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 4-فېۋرال كۈنى بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە قوغدىنىش ئارمىيەسى بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسى ياپونىيەدىكى بىرلەشمە قوماندانلىق شتابىدا ئۆتكۈزگەن تەقلىدىي مانېۋىردا تۇنجى قېتىم خىتاينى دۈشمەن قاتارىغا قويغان. خىتاينىڭ كەلگۈسىدە تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالىدىن پەيدا بولغان ئەندىشە بۇنىڭغا سەۋەب بولغان.
2-ئاينىڭ 1-كۈنى كومپيۇتېردا كۆرسىتىلگەن، ئاندىن رەسمىي ئۆتكۈزۈلگەن بۇ تەقلىدىي مانېۋىردا، تەيۋەننىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۇچرىشى مۆلچەرلەنگەن ئاساستا ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكەتلىرى كۆرسىتىلگەن، خىتاينىڭ دۈشمەن تەرەپ ئىكەنلىكى ئوچۇق بېكىتىلگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ياپون ئارمىيەسى بۇ مانېۋىر مەيدانىنى ئالاھىدە مەخپىيەتلىك قاتارىدا ساقلايدىكەن. بۇ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىنلىكىنى، كەلگۈسىدىكى ئۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدىكەن. ئامېرىكا ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋىللىيام بۇرنىس ئۆتكەن يىل 2-ئايدا خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ 2027-يىلدىن ئىلگىرى تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە خىتاينىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا قارىتا بىرلەشمە جەڭ قىلىش پىلانلىرىنى تۈزگەن ۋە تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھەلىرىنى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر تاماملاپ بولغان. بۇ قېتىمقى مانېۋىرنىڭ نەتىجىلىرى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا تۈزۈلىدىغان ئۇرۇش پىلانىدا ئەكس ئېتىدىكەن، ئاندىن 2025-يىل ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي مانېۋىردا بۇ پىلاننىڭ قانچىلىك ئۈنۈم بېرىدىغانلىقى سىناق قىلىنىدىكەن.