خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلار دىيارى ھەققىدىكى لاگېرلارغا مۇناسىۋەتلىك چۇقانلىرى بېسىلمايۋاتقاندا 5-فېۋرال كۈنى نيۇ-يورك شەھىرىدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاش يۈزىسىدىن بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بۇ قېتىمقى نامايىشتا نيۇ-يورك شەھەرلىك ئىسلام مەركىزىنىڭ ئىمامى خالىد لېتىف، يېشىۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى راۋ بلاۋ قاتارلىق داڭلىق شەخسلەر ئۇيغۇرلارنىڭ كۈلپەتلىرى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشلىرى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەيدىكەن.
ئامېرىكا ۋە باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتنىشىدىغان بولۇپ، بۇ نامايىش «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 22 يىللىق خاتىرىسىگە ۋە خىتاينىڭ 2019-يىللىق چاغان بايرىمىنىڭ تۇنجى كۈنىگە توغرا كەلگەنلىكتىن ئۇنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.
