بو شىلەي دېلوسىنىڭ 2‏-كۈنى گۇ كەيلەي بو شىلەيگە قارشى گۇۋاھلىق بەردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.08.23

چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى بو شىلەينىڭ سوتى جۈمە كۈنى جىنەن شەھىرىدە داۋاملىق ئېچىلدى.

شۇ كۈنى، بو شىلەينىڭ ئايالى گۇ كەيلەي مەھكىمىگە سىنئالغۇ ئارقىلىق گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۆزلىرى فىرانسىيەنىڭ نېس شەھىرىدىن سېتىۋالغان داچىنىڭ پۇلىنى شۇ مىڭ ئىسىملىك سودىگەر تۆلىگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن بو شىلەينىڭ خەۋىرى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا ئۇ يەنە، ئوغلى بو گۇاگۇانىڭ چەتئەلدە ئوقۇش پۇلىنى شۇ مىڭ ئۈستىگە ئالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەھكىمە يەنە، سابىق چۇڭچىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لىجۈننىڭ گۇۋاھلىقىنى ئالغان. ۋاڭ لىجۈن، ئەنگلىيەلىك سودىگەر نېئىل خەيۋۇد بىلەن گۇ كەيلەي ۋە بو گۇاگۇا ئارىسىدا چەتئەلدىكى مال-مۈلكىنى تالىشىپ ئىختىلاپ كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، فرانسىيەدىكى داچىدىن بو شىلەينىڭ خەۋىرى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

گۇ كەيلەي، نېئىل خەيۋۇدنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ۋاڭ لىجۇن ئاسىيلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان ئىدى.

بو شىلەي جۈمە كۈنى گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرىنى رەت قىلىپ، گۇ كەيلەينىڭ روھى ھالىتى نورمال ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ روھى بېسىم ۋە جازاسىنى يېنىكلىتىش مەقسىتىدە گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بو شىلەي پەيشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ ئىلگىرى لياۋنىڭدا ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتىدا 3.5 مىليون دوللار پارا ئالغانلىقىنى ۋە 800 مىڭ دوللارغا خىيانەت قىلغانلىقىنى رەت قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.