خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى يەكشەنبە كۈنى، سابىق چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم سېكرېتارى بو شىلەينى خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق ۋە ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
بىراق رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بو شىلەي ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان. سوت مەھكىمىسى يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان قارارىدا ئۇنىڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇنى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم قىلغان ۋە ئۇنىڭ بارلىق شەخسى مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەردىن ئىگىلىشىچە، يۇقىرى سوتنىڭ مەزكۇر دېلونى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشىغا 2 ئاي ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. كۆزەتكۈچىلەر ئۇنىڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىشىنى كۈتمىگەن. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ئەدلىيە سىستېمىسى كومپارتىيە كونتروللۇقىدا بولغاچقا ئۇنىڭ ئەرزىنىڭ ئېقىش ئېھتىماللىقى چوڭ ئەمەس.