دائىرىلەر ئۈرۈمچىدە «بۆلگۈنچىلىككە قارشى» سىياسىي تەلەم-تەربىيىنى كۈچەيتتى
2013.05.24
22-ماي كۈنى ئۈرۈمچىدە «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش تەلىم-تەربىيە يىغىنى» ئېچىلغان بولۇپ، يىغىندا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى گۇەن شۇشىن «شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەتلەر ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان رايون» دېگەن تېمىدا مەخسۇس دوكلات بەرگەن.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا، بۇ دوكلاتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىم، تىنچ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى. ئەمما ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچى ئاھالىسى بۇنداق دوكلاتلارنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ خىل دوكلاتلارنى«مېڭە يۇيۇش دوكلاتى» دەپ مەسخىرە قىلغان. ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر بولسا، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئۆتكەن ئايدا جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن «ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئۆي ئاختۇرۇش» ئىغا قارشى، خىتاي ساقچىلىرى ۋە ھۆكۈمەت كادىرلىرىغا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يەنى، 23-ئاپرېل مارالبېشى ۋەقەسى، 9-ماي يېڭىسار ۋەقەسى ۋە 10-ئاپرېل ئاقسۇ ئاۋات ۋەقەلىرىدىن كېيىن، دائىرىلەرنىڭ قارشىلىق بارغانچە كۈچىيىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىدىن ئەنسىرىشىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
گوگۇل تورىدىن ئىزدىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر 2010-يىلدىن بۇيان ھەر يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرى ئوخشاش تېمىدىكى دوكلات بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلگەن. ھەر قېتىمقى دوكلاتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكى ھەم تارىختىن بۇيان بۇ زېمىندا كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىپ ياشاپ كەلگەنلىكى تەكىتلىنىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش تەرغىب قىلىنغان مەزمۇنلار دوكلاتنىڭ ئاساسىي تېمىسى بولغان.