پرېزىدېنت ئوباما بوستون مارافون مۇسابىقىسىدىكى پارتلاشنى تېررورلۇق ۋەقەسى دېدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.04.16

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما 16-ئاپرېل سەيشەنبە كۈنى ئاقسارايدا بايانات بېرىپ، دۈشەنبە كۈنى بوستوندىكى مارافون مۇسابىقىسىدە يۈز بەرگەن پارتلاشنى تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ ئەيىبلىدى. ئوباما يەنە 16-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا بايرىقىنىڭ يېرىم چۈشۈرۈلىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، پارتلاشتا ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ماتەم تۇتۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بوستۇندىكى پارتلاش ھەققىدە ھازىرغىچە ھېچقانداق تەشكىلات ياكى شەخس بۇ ۋەقەنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرمىدى. پرېزىدېنت ئوباما سۆزىدە پارتلىتىش بومبىسى قويغان قاتىلنىڭ كىم ياكى قايسى تەشكىلات ئىكەنلىكىنىڭ مەلۇم ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ قېتىمقى قەبىھ قاتىللىقنى پىلانلىغۇچىلارنى تېپىپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى.

دۈشەنبە كۈنى بوستوندا ئېلىپ بېرىلغان خەلقئارالىق مارافون مۇسابىقىسىدىكى پارتلاشتا 3 ئادەم ئۆلۈپ، 176 ئادەم يارىلانغان بولۇپ، 17 ئادەمنىڭ يارىسىنىڭ ئېغىرلىقى بېكىتىلگەن. ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بوستۇندىكى پارتلاشتىن كېيىن، بوستون ۋە ئامېرىكىنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىكى ئاممىۋى سورۇنلاردا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.