خىتايدا بوۋاقلارنى ساتقان دوختۇر جاڭ شۇشيا ئۈستىدىن 14-يانۋار كۈنى سوت ئېچىلىپ، ئۇ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە ھۆكۈم قىلىندى.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ سەنشى ئۆلكىسى فۇ پىڭ ناھىيىسىدىكى ئانا-بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى جاڭ شۇشيا دوختۇرخانىدىكى خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ، يېڭى تۇغۇلغان 7 بوۋاققا مەجرۇھ تۇغۇلدى ياكى ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللىك بار دېگەن دىئاگنوزنى قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى قايىل قىلغاندىن كېيىن بۇ بوۋاقلارنى سەنشىلىك ئادەم بېدىكلىرىگە سېتىپ، ئارىدىن زور پايدا ئالغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى سېتىش سودىسى ئەۋج ئالغان بولۇپ، بۇ خىل دېلولاردا، ئادەم بېدىكلىرىدىن باشقا دوختۇر ۋە سېستىرالارنىڭمۇ قاتناشقانلىقى ئاشكارىلانماقتا. خىتاي تور بېكەتلىرىدە تېخى ئۆتكەن ھەپتىلا ئىچكى موڭغۇلدىكى مەلۇم سېسترانىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى ئانىسىغا «ئۆلۈك تۇغۇلدى» دەپ خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، باشقىلارغا بېقىۋېلىش ئۈچۈن سېتىۋەتكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.
