ئامېرىكا كىنو چولپىنى براد پىتنىڭ تىبەت توغرىلىق كىنو ئىشلىگەنلىكى سەۋەبلىك 20 يىلدىن بۇيان خىتايغا بېرىشى چەكلەنگەن ئىدى.
ئۇنىڭ يېقىندا بازارغا سېلىنغان يېڭى كىنو «ئىتتىپاقداشلار» نىڭ قويۇلۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن شاڭخەيگە بېرىشى خىتاينىڭ ئۇنىڭغا بولغان 20 يىللىق چەكلىمىسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كىنو چولپىنى براد پىت بۈگۈن، يەنى 14-نويابىر كۈنى شاڭخەيدە خىتايدىكى كىنو مەستانىلىرىنىڭ ئۆزى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا 40 مىنۇت ئەتراپىدا جاۋاب بەرگەن. ئاندىن ئىنتايىن كۈچلۈك نازارەت ئاستىدا بۇ قېتىمقى يېڭى كىنوسى ھەققىدە 20 مىنۇت چۈشەنچە بەرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، براد پىت 1997-يىلى «تىبەتتە ئۆتكەن 7 يىل» ناملىق فىلىمدا باش رول ئالغان. بۇ كىنودا ئاۋسترالىيەلىك بىر ئېكىسپېدىتسىيەچىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ياش دالاي لاما بىلەن بولغان دوستلۇقى ھەمدە خىتايلارنىڭ تىبەتتىكى شەپقەتسىز ھۆكۈمرانلىقى تەسۋىرلەنگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا بۇ كىنودىن قاتتىق غەزەپلىنىپ، ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرى ئارقىلىق ئېتىراز بىلدۈرگەن ھەمدە براد پىتنىڭ خىتايغا بېرىشنى چەكلىگەن.
