ۋىلسون مەركىزى مۇھەممەدئىمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئامېرىكا شەرقشۇناسى ئوۋېن لاتتىمورغا يازغان خېتىنى ئاشكارىلىدى


يېقىندا باش شىتابى ۋاشىنگتوندىكى ۋىلسون تەتقىقات مەركىزى مۇھەممەدئىمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنلەرنىڭ 1950-يىلى 4-ئايدا ئامېرىكا شەرقشۇناسى ئوۋېن لاتتىمورغا يازغان مەكتۇبىنى ئاشكارا قىلدى.

مەزكۇر مەكتۇب ئىنگىلىز تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، يېڭى دېلھىدىن ۋاشىنگتونغا بىۋاسىتە ئەۋەتىلگەن ھەمدە مۇھەممەدئىمىن بۇغرا، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋە ئادام سەبرى قاتارلىق ئۈچ كىشىنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان.

ئوۋېن لاتتىمور ئامېرىكىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى داڭلىق شەرقشۇناسى بولۇپ، ئۇنىڭ 1940-يىللاردا ئۇيغۇر ئېلى توغرىلىق يازغان «ئاسىيانىڭ كىندىكى» ناملىق كىتابى زور تەسىر قوزغىغان.

مەزكۇر مەكتۇبتا مۇنداق دېيىلگەن: «مۇھەممەدئىمىن بۇغرا، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋە مەن ئۈچىمىز كەشمىردە پاناھلىنىۋاتقان 600 نەپەر تۈركىستانلىق مۇھاجىرغا ۋەكىل بولۇپ يېڭى دېلھىگە كەلدۇق. خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ تەھلىكىسىدىن ۋەتىنىنى تەرك ئەتكەن بۇ مۇھاجىرلار ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاقىتلىق رۇخسىتى بىلەن كەشمىردە تۇرماقتا. ھازىر ئىلى، چۆچەك ۋە ئالتاي قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت پۈتۈنلەي دېگۈدەك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونتروللىقىغا چۈشۈپ قالدى. بىز سىزنى "ئاسىيانىڭ كىندىكى" ناملىق ئەسىرىڭىز بىلەن تونۇيمىز. مۇمكىن بولسا سىز ۋە سىزنىڭ دوستلىرىڭىزنىڭ بۇ يەردىكى ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلغان مۇساپىرلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئوۋېن لاتتىمور ئۇلارغا جاۋاب مەكتۇب يازغان ھەمدە كەشمىردىكى تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مۇناسىۋەت تورىغا تايىنىپ ئىزدىنىپ كۆرگەن. ھالبۇكى، خىتايدا كوممۇنىستلارنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشى بىلەن قوزغالغان ئامېرىكىدىكى كوممۇنىزمدىن ئەنسىرەش كەيپىياتىدا ئوۋېن لاتتىمور سېناتور ماك كارسىي تەرىپىدىن ئەيىپلەنگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا ئالپتېكىنلەرگە ياردەم قىلىش مۇمكىنچىلىكىمۇ قالمىغان.