خىتاي «بۇلۇت بايلىقى» دىن پايدىللىنىپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سۇ قىسلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى بولغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.03.25

23-مارتتىكى «دۇنيا ھاۋارايى كۈنى» دە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى «بۇلۇت بايلىقى» دىن پايدىللىنىپ، رايوندىكى سۇ قىسلىقى، قۇرغاقچىلىق ۋە ئېكولوگىيە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلماقچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

شىنخۋا تورىنىڭ بۇ ھەقتە ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، دائىرىلەر رايوندىكى «بۇلۇت بايلىقى» دىن پايدىللىنىپ، سۈنئىي يامغۇر ياغدۇرۇش ئارقىلىق 900 مىليۇن توننا سۇ ھاسىل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئەگەردە بۇ پىلان رېئاللاشسا ئۇيغۇر دىيارىدا دېھقانچىلىققا زۆرۈر بولغان سۇ مەنبەسىنى تولۇقلىغىلى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلىغىلى ۋە بوستانلىقلارنىڭ يېشىللىق كۆلىمىنى قوغدىغىلى بولىدىكەن.

ھالبۇكى، سۇ ۋە ھاۋارايى ئىلمى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر «بۇلۇت بايلىقى» دىن پايدىللىنىپ، رايوندىكى سۇ قىسلىقىنى ھەل قىلىشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارىماقتىكەن. ئۇلار، ئاسماندىكى بۇلۇت توپىغا زەمبىرەك ئېتىش ياكى ئايرۇپىلان ئارقىلىق سۈنئىي ئۇسۇلدا يامغۇر ياغدۇرۇشنىڭ تەبىئىي ئىقلىم ئېكولوگىيەسىنى تېخىمۇ بۇزۇپ تاشلايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا 1959-يىلىدىن بۇيان سۈنئىي ئۇسۇلدا يامغۇر ياغدۇرۇش سىنىقىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق كۆرىنەرلىك نەتىجە ھاسىل قىلالمىغان. ئۆتكەن يىلى ھەتتا 5 ئايرۇپىلان يىل بويى ئىشلىتىلىپ سۈنئىي يامغۇر ياغدۇرۇشقا تىرىشقان.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ نۆۋەتتە بارلىق ئاماللاردىن پايدىللىنىپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سۇ قىسلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە رايونغا تېخىمۇ كۆپ ئاقما نوپۇس كۆچۈرۈشتەك سىياسىي ئېھتىياج بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.