«BuzzFeed» خەۋەرلەر تورى ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېرلارنىڭ داۋاملىق كېڭەيتىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-08-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

27-ئاۋغۇست كۈنى «BuzzFeed» خەۋەرلەر تورى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار ھەققىدە يېڭى تەكشۈرۈش ماقالىسى ئېلان قىلدى. مەزكۇر ماقالىدە، گۇگۇل سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرى ئۈستىدىن ئەپ بېرىلغان تەكشۈرۈش ۋە لاگېر شاھىدلىرىنى زىيارەت قىلىش نەتىجىسىدە، 2017-يىلدىن بۇيان رايوندا ياسالغان 260 دىن ئارتۇق لاگېر قۇرۇلۇشى تېپىپ چىقىلغان.

ئۇلارنىڭ بايقىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەربىر ناھىيەدە بىردىن دېگۈدەك لاگېر بار بولۇپ، بۇ 3 يىل مابەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنى توختىماي كېڭەيتىپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى مەلۇم بىر مىللەتكە قارىتىلغان ئەڭ زور تۇتقۇننى ئەمەلىيلەشتۈرگەن.

ئۇلارنىڭ بايقىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى دەسلەپتە كونا مەكتەپ بىنالىرى ۋە ھۆكۈمەت بىنالىرىنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى قىلىپ ئىشلەتكەن بولسا، كېيىن تۇتقۇن كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشى نەتىجىسىدە 6 ئايغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە زور كۆلەملىك لاگېر قۇرۇلۇشلىرىنى بىنا قىلىپ چىققان. بۇندىن سىرت يەنە، لاگېر ئىچىدە زاۋۇت-كارخانا قۇرۇلۇشلىرىمۇ كۆپلەپ ئەپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇ مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كەڭ دائىرىدە يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. دىققەت قوزغايدىغىنى، بۇ قۇرۇلۇشلار داۋاملىق سېلىنماقتىكەن.

ئۇلارنىڭ بايقىشىچە، 2019-يىلىنىڭ بېشىدا، ئىشچىلار ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىدىكى داۋانچىڭغا جايلاشقان لاگېرنى كېڭەيتىش ئۈچۈن يەر تازىلاشقا باشلىغان. داۋانچىڭدىكى لاگېر ئەسلىدىلا چوڭ لاگېرلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ 2018-يىلى ئۆكتەبىردە 32 مىڭ 500 ئادەم سىغىدىغان كۆلەمگە ئىگە بولسا، كېيىن قوشۇلغان ئىككى لاگېر بىناسى سايىسىدە ئۇ سىغىمى 40مىڭ كىشىدىن ئاشىدىغان لاگېرغا ئايلاندۇرۇلغانىكەن.

ئامېرىكانىڭ «BuzzFeed» خەۋەرلەر تورىنىڭ بۇ يېڭى دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن زور ئىنكاس قوزغىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت