كانادا ھۆكۈمىتى جاسۇسلۇق ئېھتىماللىقىنى نەزەرگە ئېلىپ ئىككى نەپەر خىتاي تېلېگراف خىزمەتچىسىنىڭ كاناداغا كىرىش ۋىزا ئىلتىماسىنى رەت قىلغان.
كانادا خەلقئارا رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئىككى خادىم خىتاي خۇاۋېي گۇرۇھىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، كانادا دائىرىلىرى بۇلارنىڭ كاناداغا كىرىشى خەۋپسىزلىك مەسىلىسى تۇغدۇرۇشى مۇمكىن، دەپ ئەنسىرىگەن.
خەۋەرگە قارىغاندا بۇ خەۋەر ئالدى بىلەن «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان. خەۋەردە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي خادىملارنىڭ ۋىزىسىنى بۇ يىل مارتتا رەت قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
گېزىتنىڭ خوڭكوڭدىكى كانادا ئەلچىخانىسى ۋىزا ئىلتىماسى رەت قىلىنغان بىر خىتاي خادىمغا بەرگەن يازما چۈشەندۈرۈشتىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، كانادا كۆچمەنلەر ئىدارىسى خادىملىرى بۇ خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ كانادادا جاسۇسلۇق قىلىش مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنى رەت قىلغان.
چۈشەندۈرۈشتە مۇنداق دېيىلگەن: «كۆچمەنلەر ۋە مۇساپىر قوغداش قانۇنىنىڭ 34 ماددىسىدا شەرھلەنگەندەك سىزنىڭ ۋىزا بېرىشكە بولمايدىغان كىشىلەر كاتېگورىيەسىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىڭىزنى قوللايدىغان يوللۇق ئاساسلار بار.»
خەۋەرگە قارىغاندا ۋىزىسى رەت قىلغان ئىككىنچى كىشىمۇ يۇقىرىغا ئوخشاش خەت تاپشۇرۇپ ئالغان.
ھالبۇكى، بۇ ئىككىيلەن خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ئورگانلىرى بىلەن ھەرقانداق شەكىلدىكى چېتىشلىقى بارلىقىنى رەت قىلغان.
خۇاۋېي گۇرۇھى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ يانفون ۋە تېلېگراف ئالاقە ئەسۋابلىرىنى ياساش شىركىتى بولۇپ، ئۇنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئىنژېنېر بولۇشى ۋە ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن يېقىنلىقى كۆپلىگەن غەرب ئەللىرىدە گۇمان قوزغىغان.
ئامېرىكا دائىرىلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسىلىسى سەۋەبلىك 2012 - خۇاۋېي ۋە جوڭشىڭ گۇرۇھىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىڭ ئىنتېرنېت قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى چەكلىگەن.
شۇنداقلا خۇاۋېينىڭ ئامېرىكىدا بۇندىن كېيىن ئېلىپ بارىدىغان سودىسىغا قاتتىق چەك قويۇپ، خۇاۋېي بىلەن توختام تۈزگەن تېلۇس قاتارلىق كانادا شىركەتلىرىنى ئاگاھلاندۇرغان. كانادا ھۆكۈمىتىمۇ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئالاقە تورلىرىغا خۇاۋېي تېلېفون ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشىنى چەكلىگەن ئىدى.
