ئاشتون كارتېر خىتاينىڭ ئۆزىنى يېتىم قالدۇرىدىغان سەددىچىن سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر 27 - ماي كۈنى مەرىلەند شىتاتىنىڭ ئانناپولس شەھىرىدىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئاكادېمىيىسىدىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇقتىدا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىزدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلغان.
-
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-05-29 -
-
-
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر 27 - ماي كۈنى مەرىلەند شىتاتىنىڭ ئانناپولس شەھىرىدىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئاكادېمىيىسىدىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇقتىدا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىزدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئاشتون كارتېر سۆزىدە، خىتاينىڭ جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدىكى ھەرىكەتلىرى پەقەت جۇڭگونى دۇنيادا يېتىم قالدۇرۇدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاينىڭ ئۆزىنى يېتىم قالدۇرىدىغان سەددىچىن سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كارتەر سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ جەنۇبى دېڭىزدىكى ھەربىي كېڭەيمىچىلىك قىلمىشلىرىغا قارىتا رايوندىكى دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ ئوچۇق ئاشكارا ۋە خۇسۇسىي يوللار بىلەن ئۆز ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ سودا ئەركىنلىكى ۋە ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، ئەمما بەزىدە بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئەسلەتكەن.