ب ب س نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسپانىيەنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدىكى كاتالونىيە ئاپتونوم رايونى 9 - نويابىر كۈنى ئومومىي خەلق رايىنى سىناش بويىچە غەيرىي - رەسمىي بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.
نەتىجىدە 80 % تىن كۆپرەك بېلەت تاشلىغۇچى كاتالونىيەنىڭ ئىسپانىيەدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولۇشىنى قوللىغان.
بۇ شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىق يولىدىكى ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىشى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن ئىسپانىيەگە قارام كاتالون ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇستەقىللىق يولىدىكى يەنە بىر قېتىملىق ئۇرۇنۇشى ئىكەن.
كاتالان مىللىي رەھبىرى ئارتۇر ماس بۇنىڭ كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىللىق يولىدا تاشلانغان «بۈيۈك قەدەم» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ۋاھالەنكى، ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى كاتالونىيە ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللىي رەھبەرلىرىنى «قۇتراتقۇلۇق» بىلەن ئەيىبلىگەن.
مەلۇمكى، كاتالونىيە تارىختا ئىسپانىيە بىلەن فرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى تالىشىش نۇقتىسى بولۇپ كەلگەن. 1930 - يىللاردىكى ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشىدىن كېيىن دىكتاتور فرانكو كاتالونىيەنىڭ ئاپتونوم ھوقۇقلىرىنى بىكار قىلغان. 1970 - يىللاردىن كېيىن ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى كاتالونىيەنىڭ ئاپتونومىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. شۇندىن بۇيان كاتالانلار مۇستەقىللىق ئۈچۈن تىنىمسىز كۈرەش قىلىپ كەلگەن.
نۆۋەتتە كاتالونىيە ئاپتونوم رايونىدا كاتالان تىلىدا سۆزلەيدىغانلار 37 % نى، ئىسپان تىلىدا سۆزلەيدىغانلار 45 % نى ئىگىلەيدىكەن. مۇسۇلمانلار ئاپتونوم رايون ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 7 % نى تەشكىل قىلىدىكەن.