ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى خىتاينىڭ ئىككى چوڭ باتارېيە ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتىنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق» دەپ ئەيىبلىگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.06.06

ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى جون مولېنار (John Moolenaar) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىگە يانتاياق بولۇۋاتقان ئىككى خىتاي شىركىتىنى ئاشكارىلىغان.

ئۇ، ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىغا مەخسۇس خەت ئەۋەتىپ، خىتاينىڭ ئاساسلىق باتارېيە ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى بولغان خېفىي گوشۇۋەن يۇقىرى تېخنىكا ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ باش گۇرۇھى «گوتيون گۇرۇھى» (Gotion) ۋە «نىڭدې تېخنولوگىيە چەكلىك شىركىتى» (CATL) گە چېتىشلىق يېڭى ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىگەن.

ئۇ يۇقىرىقى بۇ ئىككى شىركەتنىڭ خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ قوللىشىدىكى ئورۇنلار بولۇشىغا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر قۇل ئەمگىكىدىن پايدىلىنىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان شىركەتلەر بولۇشىغا قارىماي، ئۇلارنىڭ ئامېرىكادا تىجارەت قىلىشىغا يول قويۇلۇۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن.

ئۇ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەنگەن ھەرقانداق مەھسۇلاتنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنىڭ قەتئىي مەنئى قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، يۇقىرىقى بۇ شىركەتلەرنى ئامېرىكانىڭ «سودا قارا تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىغا ئەۋەتىلگەن بۇ مەكتۇپقا ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو، ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن مارك گرېن، كارلوس گىمېنېز ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى دېرىن لاخۇدلارمۇ ئاۋاز قوشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.