CECC خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلدى
2024.05.13
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى (CECC) 13-ماي كۈنى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەقلەر دەپسەندىچىلىكىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. شۇنىڭدەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇنىڭغا قارشى جىددىي تەدبىرلەرنى ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان.
دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدا ئېلان قىلىنغان دوكلاتلار ئىلگىرى تۇتقۇن قىلىنغان تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى كۆرسەتكەن؛ دائىرىلەر رايوندا مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىنى قۇرۇپ، سابىق لاگېر تۇتقۇنلىرىنى ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرغان. دوكلاتتا، رايوندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىنىڭ ئىككى خىل شەكىلدە داۋاملىشىۋاتقانلىقى، بۇلاردىن بىرىنىڭ سابىق لاگېر تۇتقۇنلىرىدىن تەشكىل قىلىنغانلىقى، يەنە بىرىنىڭ «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، بۇ مەزگىلدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايلار بىلەن تويلىشىشقا مەجبۇرلىشىمۇ كۈچەيگەن. مەزكۇر دوكلاتتا يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر قاتار تەۋسىيەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ تەۋسىيەلەر ئامېرىكا قانۇنىدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۇقۇمى ۋە ئۇنى جازالاشقا چۈشەنچە بېرىش، كانادا ۋە باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىسى بويىچە ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى قۇرۇش، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نى تولۇق ئىجرا قىلىش، ئىتتىپاقداش ۋە شېرىك دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىدىن قوغداش، ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنى ئامېرىكىغا قوبۇل قىلىشنى ئالدىن ئويلىشىش، مەخسۇس تۈر ئاجرىتىپ، سابىق لاگېر تۇتقۇنلىرىغا ياردەم بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.