چېچېنىيە قانۇن ماقۇللاپ مۇسۇلمان قىزلىرىنىڭ مەكتەپكە ھىجابلىق كېلىشىگە يول قويدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017-04-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر ئىسلام دىنىغا قارىتىلغان چەكلىمىلەرنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، خىتايغا قوشنا بولغان رۇسىيەنىڭ چېچېنىيە جۇمھىرىتيى پارلامېنتى قانۇن ماقۇللاپ چېچېن مۇسۇلمان قىزلىرىنىڭ مەكتەپكە ھىجاب ئارتىپ كېلىشىگە يول قويغان.

ئازادلىق رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قانۇن 30-مارت ماقۇللانغان.

خەۋەردە چېچېن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، قانۇن ماددىسىغا كىرگۈزۈلگەن بۇ تۈزىتىش رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا زىت كەلمەيدىكەن.

مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھىجاب مەسىلىسى رۇسىيەدە بىر مەزگىل مۇنازىرە قوزغىغان ۋە ھازىرغىچە ھەل بولماي كېلىۋاتقان مەسىلەرنىڭ بىرى ئىدى.

بۇ يىل يانۋاردا رۇسىيە مائارىپ مىنىستىرى ئولگا ۋاسىليېۋا پۈتۈن رۇسىيە مەكتەپلىرىدە ھىجابنى چەكلەشنى تەشەببۇس قىلىپ، رۇسىيەنىڭ مۇسۇلمان رەھبەرلىرى ۋە چېچېنىيە رەئىسى رامزان قاديروفنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.

چېچېنىيە ئاساسلىق نوپۇسى مۇسۇلمانلارنى تەشكىل قىلىدىغان رۇس جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بىرى. مەزكۇر جۇمھۇرىيەت 1994-ۋە 1999-يىللىرى رۇسىيە بىلەن ئىككى قېتىم ئۇرۇش قىلغان. ئاخىرى رۇسىيە ھاكىمىيىتى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، يۇقىرى دەرىجىدىكى ئاپتونومىيىدىن بەھرىمەن قىلىنغان.

ھالبۇكى، رۇسىيەگە قوشقا بولغان خىتاي ئاساسلىق نوپۇسىنى مۇسۇلمانلار تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇر ئېلىدە ھىجابنى چەكلىگەننىڭ ئۈستىگە ھىجاب ئارتقان مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ ئاممىۋى قاناش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىشى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە جامائەت سورۇنلىرىغا كىرىشىنى مەنىي قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەملىك ھىجاب ئېلىش ھەرىكىتى يولغا قويۇپ ھىجابلانغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى قاماپ قويغان ۋە ئۇلارنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان ئىدى.

دائىرىلەر ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 29-مارت ئۇيغۇر ئېلىدا «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» نى ماقۇللاپ ئىسلام دىنىغا ئالاقىدار بارلىق بەلگىلەرگە چەك قويغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت