خىتاي ساقچى سىستېمىسىدىكىلەر گۇاڭشىدا «چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش يىغىنى» ئاچقان

7-نويابىر كۈنى خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبى ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلىرىدىكى ساقچى سىستېمىسىدىكىلەر گۇاڭشىدا 7-نۆۋەتلىك خىزمەت يىغىنى ئېچىپ، «چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ھەرىكەت كېلىشىمى» تۈزگەن.

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئۆزىنىڭ مەسئۇل خادىملىرىنى مەزكۇر يىغىنغا ئەۋەتىپ، خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبى رايونلىرىدىكى ساقچى ئورگانلىرىنىڭ تېررورلۇق ۋە چېگرا قاچاقچىلىقىغا قارشى ھەرىكەت بويىچە كەڭ كۆلەمدە ھەمكارلىق تورى قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ نازىرى يېقىنقى 6 يىلدىن بۇيان گۇاڭشىنىڭ «چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكۈچىلەرنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسىغا ئايلانغانلىقىنى، يەر شارائىتى ۋە چېگرا لىنىيەسىنىڭ مۇرەككەپ بولۇشى سەۋەبلىك چېگرا ھالقىغان جىنايەت گۇرۇھلىرىنىڭ ئەۋج ئالغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر يىغىنغا گۇاڭشى، يۈننەن، گۇيجۇ، تىبەت، سىچۈەن، چىڭخەي قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردىن باشقا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن ۋەكىل قاتناشتۇرغان.

مەلۇمكى، 2013-يىلىدىن بۇيان شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىگە ھىجرەت قىلغان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ خېلى كۆپ بىر قىسمى گۇاڭشىدىكى ئادەم قاچاقچىلىرىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن خىتاي چېگراسىدىن چىققانلىقى مەلۇم بولماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ساقچى سىستېمىسىنىڭ بۇ قېتىم گۇاڭشىدا ئاچقان جىددىي يىغىنىدا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ خىتاينىڭ جەنۇبىي ئۆلكىلىرى ئارقىلىق چەتئەللەرگە ئۆتىدىغان يوللىرىنى كېسىشنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا.