چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 2015-يىلى خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكى يەنە تۆۋەنلىگەنلىكىنى كۆرسەتتى

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىللىق دوكلاتىغا قارىغاندا، 2015-يىلى خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكى يەنە تۆۋەنلىگەن بولۇپ، خىتاي باھالاشقا قاتناشتۇرۇلغان 180 دۆلەتنىڭ ئىچىدە 176-رەتكە يەنى ئاخىرىدىن سانىغاندا 4-ئورۇنغا تىزىلغان.

تىزىملىككە قارىغاندا فىنلاندىيە، نورۋېگىيە، دانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر «ئاخبارات ئەڭ ئەركىن» دۆلەتلەر قاتارىغا تىزىلغان.

دوكلاتتا بۇ يىللىق ئاخبارات ئەركىنلىكىنى باھالاشتا باھالاشقا قاتناشتۇرۇلغان دۆلەتلەردىكى ئاخباراتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئاخباراتنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىكلىكى، مۇخبىرلارنىڭ ئەركىنلىك دەرىجىسى، ئاخباراتقا قارىتىلغان قانۇنىي ۋە تۈزۈلمە مۇھىتى قاتارلىق ئامىللار نەزەرگە ئېلىنغان.

ئامېرىكا، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئالدىنقى 50 دۆلەتنىڭ ئىچىگە تىزىلغان بولسا، خىتاي رۇسىيە ۋە ئىراننىڭمۇ كەينىگە تىزىلغان.

دوكلاتقا قارىغاندا، خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى 2015-يىلى 2014-يىلى يىلدىكىگە قارىغاندا بىر دەرىجىدە كەينىگە چېكىنگەن ۋە شىمالىي كورېيە، تۈركمەنىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىر سەپتىن ئورۇن ئالغان.

ئەركىنلىك سارىيىمۇ 2015-يىللىق دوكلاتىدا خىتاينى «ئاخبارات ئەركىن ئەمەس» دەپ باھالىغان ئىدى.