چېن چۈەنگونىڭ تىبەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىسىنى ئۇيغۇر ئېلىدا سىناق قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا

خەلقئارالىق تاراتقۇلار بىلەن كۆزەتكۈچىلەر، چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ تەيىنلەنگەن 3 ئايدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىنى ئىدارە قىلىشتا تىبەتتە توپلىغان تەجرىبىلىرىنى سىناق قىلىۋاتىدۇ، دەپ ھېسابلىماقتا.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتى بۇ ھەقتە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، چېن چۈەنگو «تىبەتتە ئىجات قىلغان ‹قوش قاتلاملىق نوپۇس باشقۇرۇش سىستېمىسى› نى نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكەپ كەلدى،» دېگەن.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر نوپۇس باشقۇرۇش تۈزۈمىدە يېزا-كەنتلەردىكى ھەر 10 ئائىلىنى بىر گۇرۇپپا قىلىپ ئايرىپ، ئۇلارنى بىر-بىرىگە كۆز-قۇلاق قىلىش، كوللېكتىپ مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىش، ساقچى ئورگانلىرى بىلەن ئولتۇراق ئاھالىلەر ئۆز-ئارا ماسلاشقان بىخەتەرلىك سىستېمىسى بەرپا قىلىش تەشەببۇس قىلىنىدىكەن.

خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، چېن چۈەنگو تىبەتتە پارتكوم سېكرېتارى بولغان 5 يىل جەرياندا لاسا شەھىرىنىڭ ئۆزىدىلا 156 بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئورنى تەسىس قىلغان بولۇپ، بىر-بىرگە ئەڭ يېقىن ئىككى تەكشۈرۈش نۇقتىسىنىڭ ئارىلىقى ئاران 15 مېتىرلا كېلىدىكەن. ئۇ تىبەت ئاپتونوم رايونىدىكى 3 مىليوندىن ئاشىدىغان تىبەتلەرنى 81، 140 مەسئۇلىيەت گۇرۇپپىسىغا ئايرىغان بولۇپ، پۈتۈن تىبەتنى بىر-بىرىگە كۆز-قۇلاق بولىدىغان «قوش قاتلاملىق» كۆزىتىش تورى بىلەن ئورىغان ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل سېنتەبىردە ئۇيغۇر ئېلىدىن تەشكىللەنگەن بىر ئەمەلدارلار گۇرۇپپىسى تىبەتنىڭ لاسا ۋە نيىڭچى ۋىلايەتلىرىدە بىر ھەپتە تەجرىبە ئۆگەنگەن. ئاۋسترالىيەدىكى لاتروبې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى جېيمېس لېيبولد بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «چېن چۋەنگە تىبەتتە تەجرىبىدىن ئۆتكۈزگەن ئۆزىنىڭ چېگرا مىللەتلىرىنى ئىدارە قىلىشتىكى 6 چوڭ سىياسىتىنى ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈرۈپ كەلدى،» دېگەن.