چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىسلاھ قىلىشنى مۇقىملىققا باغلاپ سۆزلىشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-06-17
Share

ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم يېقىندا پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ رىياسەتچىلىكىدە دۆلەت مەبلىغىدىكى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بىر يىغىن چاقىرغان.

خىتايچە تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا چېن چۈەنگو يىغىندا دۆلەت مەبلىغىدىكى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ھەرىكەتلەرنى باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ قارار چىقىرىش روھىغا قەتئىي بىرلەشتۈرۈشنى قاتتىق تەكىتلىگەن.

ئۇ يەنە «بەشىنچى ئومۇمىي يىغىن، ئۈچىنچى قېتىملىق مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمەت سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق يولغا قويۇپ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئومۇمىي نىشانىنى مۇستەھكەم ساقلاش كېرەك، ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىق، ھەمدە رايونىمىزدىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە مۇقىم تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كۆرۈنەرلىك ئۇتۇقلار بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش لازىم» دەپ تەكىتلىگەن.

چېن چۈەنگو «پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن سودا ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر بىر گەۋدىلىشىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈچلۈك دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا رەھبەرلىك قوشۇنىنى تاللاش ۋە تەيىنلەش كېرەك» دېگەن.

ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى ھازىر بار كۈچى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنى 100 يىللىقىنى ئامان-ئېسەن ئۆتكۈزۈۋېلىشنىڭ كويىدا يۈرۈۋاتقان بىر پەيتتە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشنى، كومپارتىيە رەھبەرلىكىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىشنى

ۋە شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدىن چىقماسلىقنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىگە باغلاپ تەكىتلىشى دىققەت قوزغىدى.

خەلقئارادا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى كۈچلۈك دىققەت قوزغاۋاتقان بولۇپ، بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى ۋە بىڭتۈەنگە جازا تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە زىيان تارتقانلىقى بەزى خەلقئارالىق ئاخباراتلار تەرىپىدىن ئاشكارىلانغانىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت