چېن چۈەنگونىڭ ۋەزىپىسىنىڭ تۆۋەنلىشى ئۇنىڭ كېلېچەكىگە بولغان ھەر خىل قىياسلارنى پەيدا قىلدى
2022.06.24
خەلقئارادا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ باش ئىجراچىسى، دەپ قارالغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ ۋەزىپىسىنىڭ تۆۋەنلىشى، خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئۇنىڭ كېلەچىكىگە بولغان ھەر خىل قىياسلارنى پەيدا قىلغانىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن، ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارلىق ۋەزىپىسىدىن تۇيۇقسىز يۆتكەپ كېتىلگەن چېن چۈەنگونىڭ، نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكى مەلۇم بولغان.
چېن چۈەنگو ئۆتكەن يىلى تۇيۇقسىز يۆتكەپ كېتىلگەندە خىتاي تاراتقۇلىرى ئۇنىڭ باشقا بىر ۋەزىپىگە قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما قانداق ۋەزىپىگە قويۇلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغانىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، چېن چۈەنگو 6-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن يېزا ئىگىلىك، يېزا ۋە دېھقانلار مەسىلىسى ھەققىدىكى يىغىنىغا مەركىزى يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈپىتىدە قاتناشقان.
«نىككېي ئاسىيا» ژۇرنىلىنىڭ بىر خەۋەر مەنبەسىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ھارپىسىدىكى بۇ مەنزىرە ئۇنىڭ ھوقۇقىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكى، 66 ياشلىق چېن چۈەنگونىڭ بۇنىڭدىن كېيىن پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالماسلىقى مۈمكىنلىكىى بىلدۈرۈلگەن.
چېن چۈەنگو 2017-يىلى ئۇيغۇرلارغا قارىتا باشلانغان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك لاگېرلارغا قاماش، ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىش، تۇغماس قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ باش ئىجراچىسى، دەپ قارىلىپ، ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن جازالانغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارى بولغان. ئۆتكەن ئايدا ئەنگلىيەدىكى گۇرۇپپىلار چېن چۈەنگونىڭ رەسىمىنى كوچا ئېلان تاختىلىرىغا چاپلاپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇنى قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى يۇمشىتىش ئۈچۈن چېن چۈەنگونى پاسسىپ بىر ۋەزىپىگە يۆتكىگەن.