چېن چۈەنگو: «شىنجاڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ نىشانى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈش» دېگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.11.08
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو 6-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى نىشانى توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «شىنجاڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ نىشانى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈش» ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، چېن چۈەنگونىڭ سۆزى خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنى بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدىكى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيەنى نىشان قىلغان چوڭ ئۆزگىرىشنى ئىپادىلەيدىكەن.

چېن چۈەنگو شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى دۇچ كەلگەن «يېڭى ۋەزىيەتنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ»، مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ئ‍ۆزگەرتىشنىڭ «مۇھىم ئىدىيەسىنى شەرھلىگەنلىكىنى»، مىللەتلەر خىزمىتىدە «قانداق بايراق كۆتۈرۈش»، «قانداق يولدا مېڭىش قاتارلىق زور مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن. چېن چۈەنگو بۇ سۆزلەرنى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بەزى چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر شى جىنپىڭنى ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نىڭ باش جاۋابكارى، چېن چۈەنگو بولسا ئۇنىڭ باش ئىجراچىسى، دەپ ئەيىبلەۋاتقان بىر ۋاقىتتا قىلغان.

خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدىكى تارىخى بۇرۇلۇشى نۇقتىسى 2014-يىلى باشلانغان. بۇ يىل 8-ئۆتكۈزۈلگەن مىللەتلەر خىزمەت يىغىنىدا، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قىرغىنچىلىق سىياسىتى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنىدى. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا چېن چۈەنگو شى جىنپىڭنى «يېڭى دەۋردىكى پارتىيە مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېتەكچى ئىدىيە، ئىستراتېگىيەلىك نىشان، مۇھىم ۋەزىپە، سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئاساسلىق لىنىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.