چېن چۈەنگو تۇرپاندا بىر مەسچىتنى زىيارەت قىلىپ،» ئىسلامنى خىتايلاشتۇرۇش «نى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن

2020-12-04
Share

خەلقئارادا ئۇيغۇر» ئىرقىي قىرغىنچىلىقى «نىڭ جاۋابكارى، دەپ ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەگە تۇرپاندا بىر مەسچىتنى زىيارەت قىلىپ،» شىنجاڭدا ئىسلامنى خىتايلاستۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش «نى تەكىتلىگەن.» شىنجاڭ گېزىتى «نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چېن چۈەنگو 3-دېكابىر كۈنى تۇرپاننى زىيارەت قىلغان. ئۇ زىيارىتىدە يار بازىرىدىكى بىر مەسچىتنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئىسلامنى خىتايلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشنى،» دىنىي زاتلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى نامايىش قىلىشى «نى تەلەپ قىلغان.

چېن چۈەنگو خىتاينىڭ 2017-يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدە 16 مىڭدەك مەسچىتنى بۇزغان ياكى چېقىۋەتكەنلىكى مەلۇم بولۇپ، خەلقئارادا غۇلغۇلا قوزغىغان بىر مەزگىلدە يار بازىرىدىكى يېزا مەسچىتىنى زىيارەت قىلغان. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى بۇ يىل-9 ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى ئانالىز قىلىپ، 16 مىڭدەك مەسچىتنىڭ ئىچىدە 8 مىڭدەك مەسچىتنىڭ يېقىنقى 3-4 يىل ئىچىدە چېقىۋېتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

» شىنجاڭ گېزىتى «نىڭ بىلدۈرۈشىچە، چېن چۈەگو بۇ سەپىرىدە يەنە تۇرپان مۇزېيىنى زىيارەت قىلغان. ئۇ تۇرپان مۇزېيىدا تارىخ ۋە مەدەنىي يادىكارلىقلاردىن پايدىلىنىپ،» ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى تونۇشىنى تۇرغۇزۇش، 5 نى ئېتىراپ قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىش «نى تەكىتلىگەن. بىراق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ» جۇڭخۇا مىللىتى «تونۇشى ۋە» 5 نى ئېتىراپ قىلىش «تەشەببۇسى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تارىخىنى ئىنكار قىلىش ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر» مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى «غا يول ئاچقانىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت