يېڭىدىن تەيىنلەنگەن پارتكوم سېكرېتارى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ پېنسىيىگە چىققان كادىرلىرىنى يوقلىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.09.04

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش نامى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىر قىسىم پېنسىيىگە چىققان سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ۋە قازاق باشلىقلىرىنى يوقلىغان.

چېن چۈەنگونىڭ 4 - سېنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزگەن مەزكۇر يوقلاش پائالىيىتىنىڭ نىشانى ئىسمائىل ئەمەت، تۆمۈر داۋامەت، ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئابدۇرېھىم ھامۇت، جانابىل، ماينۇر قاسىم ۋە ھامىدىن نىياز قاتارلىقلار بولغان.

تەڭرى تاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇ، مەزكۇر رەھبىرى شەخسلەرنىڭ «شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ئىشلىرى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقى»غا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت نامىدىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقى ھەم ئۇلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

چېن چۈەنگو ئۇلارغا قىلغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ «شىنجاڭغا ئەمدىلا كەلگەنلىكى ۋە پۈتۈن رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە قۇربان ھېيتىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىدىن ناھايىتى خوش بولغانلىقى»نى ئىزھار قىلغان.

ئۇيغۇر ئېلىنى 6 يىل ئىدارە قىلغان جاڭ چۈنشيەننىڭ ئورنىغا تەيىنلەنگەن، ئىلگىرى تىبەتتە ۋەزىپە ئۆتىگەن چېن چۈەنگو ئۈرۈمچىگە كېلىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىپ تۆت كۈن ئۆتكەندە چاقىرغان يىغىندا «قاتتىق زەربە بېرىش»، «مۇقىملىقنى بۇزغۇچىلارنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش»نى تەكىتلىگەنلىكى مەلۇم.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ سابىق تەيىنلەنگەن مىللىي رەھبىرى شەخسلىرى ئۆزلىرىنىڭ بىردەك ھالدا شى جىنپىڭ باش سېكېرتارلىقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ قارارىنى قەتئىي ھىمايە قىلىدىغانلىقى، چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كېلىپ خىزمەت قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.