ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو يۇقۇم مەزگىلىدە مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىگەن

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو يۇقۇم مەزگىلىدىكى مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان. چېن چۈەنگو 25-ئاۋغۇست كۈنى، پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى چاقىرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ۋە بۇ مەزگىلدىكى مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو يۇقۇم مەزگىلىدىكى مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان. چېن چۈەنگو 25-ئاۋغۇست كۈنى، پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى چاقىرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ۋە بۇ مەزگىلدىكى مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىگەن. ئۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە «يۇقۇمنىڭ قايتا ئۆرلەش خەۋپى يەنىلا مەۋجۇت، يىللىق ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىنى ئورۇنداش ۋەزىپىسى مۈشكۈل. كۈز ۋە قىش پەسىللىك يۇقۇمنى كونترول قىلىش خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.

بىراق ئۇ بۇ جەرياندا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي ساقلاش كېرەكلىكىنىمۇ ئەسكەرتىپ «باش نىشانغا ئەھمىيەت بېرىپ، بىرىكمە مۇشنى ياخشى ئېتىپ، بارلىق مۇقىملىقنى قوغداش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك ۋە بۇ ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىشىمىز كېرەك» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە 10 كۈندىن بۇيان يېڭى يۇقۇملانغۇچى كۆرۈلمەيۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئاھالىلەرگە قاراتقان قامالنى بىكار قىلمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە قامال مەزگىلىدىكى بىر قىسىم ئىنسانىي بولمىغان مۇئامىلىلەرمۇ ئاھالىلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان. نەتىجىدە بولۇپمۇ خىتايلار تۈرلۈك مۇنازىرە تور بەتلىرىدە ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئاشكارا ھالدا ئىپادىلەشكە باشلىغان ئىدى.

ئاۋسترالىيەنىڭ «ABC» قانىلى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئۆزلىرى زىيارەت قىلغان ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان مەلۇم بىر خىتاينىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ تۇرۇپ «ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىپ ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنىشىغا سۈكۈت قىلغان خىتاي ئاھالىسى ئوخشاش كۈننىڭ ئۆز بېشىغا كەلگەنلىكىنى كۆردى» دەپ يازغان.

چېن چۈەنگونىڭ يۇقۇم مەزگىلىدىكى مۇقىملىقنى تەكىتلىشى يۇقىرىدىكى بۇ نارازىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىنماقتا.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org