چېڭدۇدىكى ساقچىلار نارازىلىق پائالىيىتىنى توسۇپ قويدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.12.12

خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى چېڭدۇ شەھىرىدىكى ئامما شەھەرنىڭ ھاۋا بۇلغىنىش ئەھۋالىنىڭ كۈنسايىن ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىغا قارىتا نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇش ئالدىدا توسۇپ قويۇلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، شەنبە كۈنى ئاممىۋى ئالاقە تورلىرىدا خەلقنى ھاۋا بۇلغىنىشقا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن چېڭدۇدىكى مەركىزى مەيدانغا توپلىنىش چاقىرىقلىرى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ چاقىرىقلار تېزدىن ئېلىۋېتىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ساقچىلار دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ چېڭدۇ شەھىرىدىكى تيەنفۇ مەيدانىغا كىرىدىغان بارلىق يوللارنى قامال قىلىۋەتكەن ۋە مەيداننى تاقىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، چېڭدۇ شەھىرىنىڭ ھاۋا بۇلغىنىشى ئېغىر بولۇپ، خەلقنىڭ ئاساسلىق نارازىلىقى شەھەر مەركىزىدىن ئانچە يىراق ئەمەس بىر نېفىت - خىمىيە زاۋۇتىنىڭ ھاۋانى بۇلغىشىغا قارىتىلغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.