چېن چۈەنگو قولى سۇنۇپ كەتكەن بىر بالىنى داۋالىغان دوختۇرنى مۇكاپاتلاپ، «خەلقنىڭ ھاياتى ھەممىدىن ئۈستۈن» دەپ تەشۋىق قىلغان

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 11-ماي كۈنى ئىلغار شەخسلەرنى مۇكاپاتلاش چوڭ يىغىنى ئېچىپ، خوتەنلىك بىر بالىنى قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇنىڭ قولىنى داۋالىغان دوختۇرنى ئالاھىدە تەشۋىق قىلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى چېن چۈەنگو بۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «قولى سۇنۇپ كەتكەن بالىنى داۋالاش كىشىنىڭ يۈرىكىنى جىغىلدىتىدىغان بىر مەيدان جاننى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى، ئەڭ چوڭ خەتەردىن ئاتلىغان ھاياتلىق مۆجىزىسى، ھاياتى كۈچكە تولۇپ تاشقان ئىجابىي ئېنىرگىيەنىڭ جۇغلىنىشى، قول بىلەن تۇتۇپ ئۆرنەك ئالغۇدەك جانلىق دەرس بولدى. بۇ بىر مەيدان ھاياتلىق ئۈچۈن كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش، ھەممىدە خەلقنى ئاساس قىلىش ئىدىيەسىنى، شۇنداقلا ھاياتلىقنىڭ ۋە خەلقنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى نامايەن قىلدى».

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خەلقئارادا «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئاكتىپ ئىجراچىسى» ۋە «جاللات» دەپ سۈپەتلىنىۋاتقان چېن چۈەنگونىڭ بۇ سۆزلىرى ئۇنىڭ ئۆزىنى ئاقلاشقا بىرەر باھانە ئىزدەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرغا سولاپ، قىيناپ، ئۆلتۈرۈپ، بالىلىرىنى يېتىم قىلغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ يوقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ بىر بالىنىڭ قولىنى داۋالاشقا بۇنچە كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىشى ۋە چوڭ يىغىن ئېچىپ ئالاھىدە تەقدىرلىشى ئۇچىغا چىققان ساختىلىق ھەم كۆز بويامچىلىقتۇر. ۆۆزەتكۈچىلەر يەنە نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا چىققان ۋە داۋاملىق ئادەم ئۆلتۈرۈۋاتقان بۇ «جاللات» نىڭ چوڭ يىغىندا «خەلق ھاياتى ھەممىدىن ئۈستۈن» دەپ جار سېلىشى تامامەن يالغانچىلىق ۋە نومۇسسىزلىقتۇر؛ ئۇ ئۆزىنى ساختا تەشۋىقاتلىرىدا ئاقلىيالىغان بىلەن، خەلقئارادا يەنىلا «مۇستەبىت جاللات» دەپ قارىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ جىنايىتى تارىخىنىڭ لەنەت تۈۋرۈكىگە مىقلىنىدۇ، دەپ قارىماقتا.