چېن چۈەنگو نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى
2019.06.19
ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ئەمەلدار بولغان چېن چۇەنگو 18-ئىيۇن كۈنى تۇرپان ۋىلايىتىدە ئاتالمىش «خىزمەت تەكشۈرۈشى» دە بولغاندا «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم ئىدىيىسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ھەمدە ‹ئەجدادلارنىڭ ئارزۇسىنى ئۇنتۇماسلىق› تېمىسىدىكى تەربىيە خىزمىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش» ھەققىدە كۆرسەتمە بەرگەن.
ئۇ «تەكشۈرۈش» جەريانىدا ئاتالمىش «خەلققە قۇلايلىق ساقچى پونكىتلىرى» نى كۆزدىن كەچۈرگەن ھەمدە بۇ جايلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى مۇھىم رولىغا يۇقىرى باھا بەرگەن. ئارقىدىنلا ئۇ دىنىي زاتلارنى قوبۇل قىلىپ ئۇلارغا «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» نىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە كۆرسەتمە بەرگەن.
چېن چۇەنگو ھەرقايسى يېزىلارنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا ئىزچىل ھالدا «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيىسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش»، «شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ھەققىدىكى مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» ھەققىدە سۆز قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ خىزمەتلەرنى «مۇقىملىق خىزمىتى بىلەن باراۋەر قانات يايدۇرۇش» نى تەكىتلىگەن.
ئانالىزچىلار بۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «بۇ ھال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە داۋام قىلىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى،» دېدى.