چېن چۈەنگو، خوتەندە «قوشماق تۇغقاندارچىلىق» نى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، «ئىسلامنى خىتايلاشتۇرۇشتا» چىڭ تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو 13 ۋە 14-نويابىر كۈنلىرى خوتەندە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، «قوشماق تۇغقاندارچىلىق» نى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بەشنى ئېتىراپ قىلىش» نى كۈچەيتىش، «ئىسلامنى خىتايلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش» نى تەلەپ قىلغان. چېن چۈەنگو خەلقئارا جەمئىيەت ئۇنىڭ يۇقىرىقى سىياسەتلىرىنى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ پارچىسى»، «مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە» دەپ ئەيىبلەۋاتقان بىر ۋاقىتتا خوتەندە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ بۇ سۆزلەرنى قىلغان.

ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنى ئاخىرلىشىپ، شى جىنپىڭنىڭ ھاكىم مۇتلەق سىياسىي ئورنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ ئارقىدىنلا خوتەندە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى دىققەت قوزغىغان. چېن چۈەنگو ئىككى كۈنلۈك تەكشۈرۈشتە خوتەن شەھەرلىك ئالىي كەسپىي تېخنىكومى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك بازىىسى، دەپ قارالغان «خوتەن شەھەرلىك توقۇمىچىلىق كىيىم-كېچەك سانائەت باغچىسى»، «قاراقاش ئىشلەپچىقىرىش شەھەرچىسى بىرلەشمە سىناق باغچىسى»، «دېرۇن مائارىپ باغچە رايونى»، خوتەن ناھىيەسىنىڭ خانئېرىق بازىرى قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولغان.

ئۇ خانئېرىق بازىرىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا «مىللەتلەر بىر تۇغقان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دوستلۇقى پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇش، بەشنى ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدە ئېڭىنى تۇرغۇزۇش، شىنجاڭدا ئىسلامنى خىتايلاشتۇرۇش يۆلىنىشىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلاشتۇرۇشقا ئ‍اكتىپ يېتەكلەش كېرەك» دېگەن. ئۇ «خوتەن شەھەرلىك توقۇمىچىلىق كىيىم-كېچەك سانائەت باغچىسى» ۋە «قاراقاش ئىشلەپچىقىرىش شەھەرچىسى بىرلەشمە سىناق باغچىسى» دا تەكشۈرۈشتە بولغاندا «ئەمگەك زىچلىقى يۇقىرى كارخانىلارنى كەڭ كۆلەملىك تەرەققىي قىلدۇرۇش» نى تەكىتلىگەن.