چەرچەن ناھىيەسىدە باستۇرۇش ئوبيېكتى سودا-سانائەتچىلەرگە قارىتىلدى

چەرچەن ناھىيەسى 11‏-مارت كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۇقرالارنى مەزكۇر ناھىيەنىڭ سودا-سانائەت سېپىدىكى «قارا گۇرۇھلار» ۋە «رەزىل كۈچلەر» نى پاش قىلىشقا چاقىرغان.

ئۇقتۇرۇشتا، پۇقرالارنىڭ بۇ ھەرىكەتكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئەتراپىدىكى «قارا گۇرۇھلار» ۋە «رەزىل كۈچلەر» نى كەسكىن پاش قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

بايىنغولىن ئوبلاستى بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ «قارا گۇرۇھلار ۋە رەزىل كۈچلەرگە» گە زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغىغان. بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاساسلىق نىشانى، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئىدارە-جەمئىيەت، كەسپىي ئورۇنلار ۋە ئىجتىمائىي رايونلاردىكى «ئىككى يۈزلىمىچى» كادىر، دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي خاسلىقى كۈچلۈك كەسپىي خادىملار ۋە ئاھالىلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، پۇقرالارنىڭ يۇقىرىقى ساھەلەرگە يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچىلەر»، «دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر»، «بۆلگۈنچىلەر» ۋە ئۇلارنىڭ ئارقا-تىرەكلىرىنى پاش قىلىشقا چاقىرىلغان ئىدى. بۇ ھەرىكەتتە چەرچەن نۇقتىلىق ناھىيەگە ئايلانغان.

مەزكۇر ناھىيە ئارقا-ئارقىدىن ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، بۇ ھەرىكەتنى ھەر قايسى ساھەلەردە كەڭ قانات يايدۇرۇشقا باشلىغان. مەزكۇر ناھىيەنىڭ 11‏-مارت ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا، ھەرىكەتنىڭ نىشانى سودا سانائەت ساھەسىگە قارىتىلغان ئىدى. ئۇقتۇرۇشتا، سودا-سانائەت سېپىدىكى «قارا گۇرۇھلار» ۋە «رەزىل كۈچلەر» نىڭ 14 خىل ئىپادىسى ئېلان قىلىنغان.

بۇ: «بازار، سودا ساراي، سودا مەركىزى قاتارلىق سورۇنلارنى ئىگىلىۋېلىپ، زوراۋانلىق ۋە مۇشتۇمزورلۇق قىلغان قارا، رەزىل كۈچلەر، دىنىي كۈچلەر، خۇراپىي كۈچلەر، فېئودال قالدۇق كۈچلەر» نى، شۇنىڭدەك «رەزىل ۋاسىتىلەر، دىنىي ۋاسىتىلەر، خۇراپاتلىق ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، باشقىلارنى شاخلىتىپ سېتىشقا ياكى مەنىۋى شاخلىتىپ سېتىشقا تەشكىللىگۈچى، پىلانلىغۇچى ياكى غوللۇق ئۇنسۇرلار» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

بۇ ھەرىكەتتە چەرچەننىڭ نۇقتىلىق ناھىيەگە ئايلىنىشىدا ئۆتكەن يىلى ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى غالىپ تۇرسۇننىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ رول بار-يوقلۇقى مەلۇم ئەمەس. غالىپ تۇرسۇننىڭ ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان سابىق لاگېر مەھبۇسى، چەرچەنلىك شاھىت مېھرىگۈل تۇرسۇن 2018‏-يىلى 4‏-ئايدا قويۇپ بېرىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم.