خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ۋە بەزى غەرب پارلامېنتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىغا قارشى باشلىغان «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» تە نىشانىنى چەتئەللىك ياش خىتايشۇناسلارغا قاراتقان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 21 دۆلەتتىن كەلگەن 23 نەپەر چەتئەللىك ياش خىتايشۇناسنى ئۈرۈمچىگە يىغىپ، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا «چەتئەللىك ياش خىتايشۇناسلارنى تەربىيەلەش شىنجاڭ سىنىپى» ئاچقان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، چەتئەللىك «ياش خىتايشۇناسلارنى تەربىيەلەش شىنجاڭ سىنىپى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 13-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، بۇ پائالىيەتنى خىتاي مەدەنىيەت-ساياھەت مىنىستىرلىقى، خىتاي چەتئەل مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت-ساياھەت نازارىتى ۋە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئېچىلىش مۇراسىمىدا بىرلەشمە ئەرەب خەلىپىلىكى، ئۆزبېكىستان، گېرمانىيە، فىلىپپىن، ئارگېنتىنادىن كەلگەن بەش نەپەر ياش خىتايشۇناس «ئۆزلىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ۋە تەتقىقات ساھەلىرى بويىچە خىتاي توغرىسىدىكى ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ ئۆتكەن. خىتاينىڭ چەتئەللىك ياش خىتايشۇناسلارنى ئۈرۈمچىگە يىغىپ، ئۇلارغا «شىنجاڭ سىنىپى» ئېچىشى، ئۇنىڭ چەتئەل ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدىن پايدىلىنىپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى جاۋابكارلىققا تارتىشىغا قارشى قوزغىغان خەلقئاراغا «شىنجاڭ ھېكايەسىنى ياخشى سۆزلەش» ھەرىكىتىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا ئۆتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارالماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنى بىلدۈرۈشىچە، 21 كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ كۇرستا «يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار لېكسىيە سۆزلەش بىلەن نەق مەيدان زىيارىتىنى بىرلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش ئەندىزىسىنى قوللىنىدىكەن. »
خەۋەردە، «شىنجاڭ سىنىپى» غا بىرلەشمە ئەرەب خەلىپىلىكى، ئۆزبېكىستان، گېرمانىيە، فىلىپپىن، ئارگېنتىنادىن باشقا ئېفىيوپىيە، مىسىر، رۇسىيە قاتارلىق 21 دۆلەتتىن كەلگەن ياش خىتايشۇناسلارنىڭ قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.