ئەلىس ئاندېرسون: چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ قوغدىشىغا موھتاج
2024.01.11
11-يانۋار كۈنى، ئامېرىكادىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «ئەركىنلىك سارىيى» تور بېتىدە «دۇنيادا مۇساپىر بولغان ئۇيغۇرلار: دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئېھتىياجى» ناملىق بىر ئوبزور ئېلان قىلىنغان. ئوبزوردا قەيت قىلىنىشىچە، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار يېقىنقى يىللاردا ئىرقىي قىرغىنچىلىق تۈسىنى ئالغان باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان بولسا، خىتاينىڭ سىرتىدا چېگرا ھالقىغان تەھدىت ۋە تۇتقۇن قىلىشلارغا دۇچ كەلمەكتە ئىكەن؛ قوشلاپ زىيانكەشلىك ۋە بېسىمغا ئۇچراۋاتقان بۇ خەلق قايسى دۆلەتكە مۇساپىر بولۇپ بارغان بولسا، شۇ دۆلەتنىڭ ئۇلارنى قوغدىشى كېرەك ئىكەن.
مەزكۇر ئوبزورنىڭ ئاپتورى، ئۇيغۇر دىيارىدا بىر مەزگىل سەنئەت، مۇقامشۇناسلىق ساھەسىدە ئوقۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان ئەلىس ئاندېرسون (ئەلىسە ئاندەرسون) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2016-يىلدىن باشلاپلا ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس دىنى، تىلى، مەدەنىيىتى، سەنئىتى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە يوقىتىشنى ئاخىرقى نىشان قىلىپ ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جىنايەت گۇماندارلىرىغا ئايلانغانلىقىنى، چەت ئەلگە چىقالىغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خىتاينىڭ بېسىمى ۋە تەھدىتىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھازىر پۈتۈن دۇنيادا 500 مىڭدەك ئۇيغۇر 38 دۆلەتكە تارالغان بولۇپ، كۆپىنچىسى ئۆزلىرى بىلەن دىن، مەدەنىيەت جەھەتتىن ئوخشاشلىقى بولغان تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى تاللىغان. 15 مىڭدەك ئۇيغۇر ياۋروپا دۆلەتلىرىدە، 10 مىڭدەك ئۇيغۇر ئامېرىكادا، 2500 دەك ئۇيغۇر كانادادا، 3000 دەك ئۇيغۇر ئاۋسترالىيەدە ياشىماقتىكەن؛ ئۇلاردىن بىر قىسمى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ ھىمايىسىگە ۋە ياردىمىگە ئېرىشەلمەي، خىتايغا قايتۇرۇلۇش ۋەھىمىسىدە كۈن ئۆتكۈزمەكتە ئىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا شۇ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە خەلقئارا ئورگانلار بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خاتىرجەم، ئەركىن، بىخەتەر ياشىشىغا ياردەم قىلىشى كېرەك ئىكەن.