ۋاشىنگتون پوچتىسى: «بېيجىڭ ئۇيغۇرلارغا ئاۋسترالىيەگە قەدەر بېرىپ پاراكەندىچىلىك سالماقتا»

خەۋەردە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاۋسترالىيەدە ئولتۇرۇشلۇق رەشىدە ئابدۇغوپۇر ئىسىملىك ئۇيغۇرنىڭ يۇرتىدىكى دادىسى ۋە ئىنىسىنى يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامىشى، ئانىسىنى گۆرۈگە ئېلىپ، رەشىدەگە پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋەقەسى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئېچىپ بېرىلگەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر بېرىپ، خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەگە قەدەر بېرىپ، بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. خەۋەردە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاۋسترالىيەدە ئولتۇرۇشلۇق رەشىدە ئابدۇغوپۇر ئىسىملىك ئۇيغۇرنىڭ يۇرتىدىكى دادىسى ۋە ئىنىسىنى يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامىشى، ئانىسىنى گۆرۈگە ئېلىپ، رەشىدەگە پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋەقەسى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئېچىپ بېرىلگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ، رەشىدە ئابدۇغوپۇر ۋە باشقا ئۇيغۇرلار ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن بىر خەتەر بولسىمۇ، لېكىن بېيجىڭنىڭ قولى ئۇلارغا قەدەر يېتىپ بارماقتا ئىكەن. خەۋەردە، ب د ت نىڭ مەلۇماتى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، خىتاينىڭ بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ ئۇنى ئاقلاشقا كىرىشكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە، بۇنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى مېلبورىن، ئادىلايد، سىدنېي قاتارلىق شەھەرلەردە نامايىش قىلىپ، يۇرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە ۋە خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا پاراكەندىلىك سېلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ قىلمىشى ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلاردا پسىخىكىلىق بېسىم پەيدا قىلغان. 

خەۋەردە، ئۇلار زىيارەت قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خىتاينىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تۇتقۇن قىلىشى ۋە ئۇلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىشى ئۇلاردا روھىي زەربە ۋە ئەنسىزلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى مۇخبىرى ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە خىتاينىڭ كانبېررادىكى ئەلچىخانىسىدىن ئۇلارنىڭ ئىنكاسىنى سورىغان بولسىمۇ، لېكىن ھەر ئىككى ئورۇن جاۋاب بەرمىگەن.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org