چېخىيە جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.06.14

چېخىيە جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتىنىڭ كېڭەش پالاتاسى قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ بىلەن چېخىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونىغان 6-غەرب پارلامېنتى ياكى دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ بىرى بولدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئ‍ۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ئاۋازغا قويۇلغان قارار لايىھەسى نۆلگە قارشى 38 ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان.

قارار لايىھەسىدە «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە بولۇپمۇ تىبەت ۋە شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلىرىدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىككە كەڭ كۆلەملىك خىلاپلىق قىلىش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئېتنىك كەمسىتىش يۈز بەرمەكتە شۇنداقلا مەدەنىيەت، دىنىي ۋە سىياسىي كىملىك باستۇرۇلماقتا» دېيىلگەن.

قارار لايىھەسىدە يەنە چېخىيە ھۆكۈمىتى 2022-يىلدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە دىپلوماتىك بايقۇت ئ‍ېلان قىلىشقا چاقىرىلىپ، «چېخىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ۋە باشقا سىياسىي ۋەكىللىرىنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىش تەكلىپلىرىنى رەت قىلىشى» تەلەپ قىلىنغان.

قارار لايىھەسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئ‍ۇلارنىڭ بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىشى خىتاينىڭ نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇقنى تېخىمۇ كەمسىتىش، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىش ۋە باستۇرۇشنى قانۇنلاشتۇرۇشى ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىشىغا يول ئاچىدىكەن. چېخىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ قارارى بۇنىڭغا ئوخشاش بىر قارار لايىھەسى بېلگىيە پارلامېنتىدا ئ‍اۋازغا قويۇلۇشنىڭ ئالدىدا ماقۇللانغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.