چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان مۇخبىرلارنىڭ ئەڭ كۆپلۈكىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.12.15


مەركىزى ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىگە جايلاشقان چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 15- دېكابىر ئېلان قىلغان 2015- يىللىق دوكلاتىدا، « بۇ يىل خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان مۇخبىرلارنىڭ سانى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدىغان» لىقىنى بىلدۈردى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تۈرمىدىكى مۇخبىرلارنى قويۇپ بېرىشنى، مەتبۇئات خىتاي ۋە پۇقرالىرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە يول قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ دوكلاتتىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 1- يانۋاردىن، 1- دېكابىرغىچە پۈتكۈل دۇنيا بويىچە 199 نەپەر مۇخبىر تۈرمىگە قامالغان. بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت خىتاي تۈرمىسىدىكى مۇخبىرلارنىڭ سانى49 نەپەرگە يېتىپ، خىتاي بۇ يىل تۈرمىگە قامالغان مۇخبىرلار سانى ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلانغان.

بۇلارنىڭ ئىچىدە مىسىر 2-ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، مىسىردا 23 مۇخبىر تۇتقۇن قىلىنغان. 3-ئورۇندا تۇرغان ئىراننىڭ تۈرمىسىدىكى مۇخبىرلار سانى 19 نەپەرگە يەتكەن.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا يەنە، بۇ يىل تۇتقۇن قىلىنغان مۇخبىرلار ئىچىدە 153 نەپىرىنىڭ ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلار ئىكەنلىكى، ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ئۇرۇش رايونىدا گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان مۇخبىرلارنىڭ 54 نەپەر ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.