خىتايدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى داۋامى سۈپىتىدە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يەنە بىر ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرى شەخسنىڭ تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى
بۇ قېتىم ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىنغان يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى شەخس خىتاينىڭ ئاھالە ئەڭ كۆپ ئۆلكىسى سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى لى چېڭيۇن بولۇپ، ئۇ ئەسلىدە 2011 - يىلى، 9 - ئايدا بىر قېتىم ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما پارتىيدىن چىقىرىلمىغان ۋە دەرىجىسى چۈشۈرۈلۇپ، سىچۇئەن ئۆلكىلىك سىياسىي تەدبىر ۋە مەسلىھەت كومىتېتىنىڭ دائىملىق مۇئاۋىن مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن ئىدى.
ببس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرىدە ئېيتىلىشىچە، كۆزەتكۈچىلەر لى چېڭيۈننىڭ تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىنىشىنىڭ ئۇنىڭ جۇ يوڭكاڭ دېلوسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە بۇ ئىسپاتلانمىغان. لېكىن لى چېڭيۈن خىتاي كومپارتىيەئىسىنىڭ 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن سىچۇن ئۆلكىسىدە ھوقۇقتىن چۈشكەن بەشىنچى ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدار ئىكەن، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى سىچۇەن ئۆلكىلىك پارتكوم مائاۋىن سېكرىتارى، سىياسى كېڭەش رەئىسى، ئۆلكە باشلىقى ۋە سابىق ئۆلكە باشلىقى جازاغا ئۇچرىغان ئىدى.
لى چېڭيۈن 2008 - يىلى مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى بولغاندا، سىچۇەننىڭ دۆلەت بايلىقى، بىخەتەرلىك نازارىتى، يادرو سانائىتى، دۆلەت مۇداپىئە تېخنىكىسى، نېفىت باشقۇرۇش قاتارلىق كۆپ ساھەلەرگە رەھبەرلىك قىلغان ئىكەن.
