ئىلى ئوبلاستىدىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار خىزمىتىدىن ھەيدەلدى


ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق دۆلەت بايلىقىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن پارتىيە سېكرىتارى خىزمىتىدىن ۋە كوممۇنىستىك پارتىيە سېپىدىن ھەيدەلدى.

تەڭرى تاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلى ئوبلاستى دۆلەت بايلىقىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرىتارى ساۋ لۇشېڭ ئۈستىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ قارارىغا بىنائەن ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، دېلو تۇرغۇزغان.

ئاخىرى خۇلاسە چىقىرىلىپ، ئۇنىڭغا سىياسى ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش، تەكشۈرۈشكە قارشى چىقىش، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 8 تۈرلۈك، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 10 تۈرلۈك بەلگىلىمىلىرىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش، خىزمەت ھوقۇق سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى ۋە، كارخانىلار سودىسى قاتارلىق ساھەلەردە ئۆز مەنپەئىتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، باشقىلار سوۋغا قىلغان بايلىقلارنى قوبۇل قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار ئۆز ھوقۇقىغا تايىنىپ بايلىق توپلاش ئەيىبلەشلىرى ئارتىلغان.

قارار بويىچە ئۇنىڭغا خىزمىتىدىن قالدۇرۇش ۋە پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىلگەندىن تاشقىرى،يەنە ئۇنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئەدلىيە ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

ئىلگىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بىر نەپەر ئۇيغۇر باش كاتىپى ۋە باشقا بىر قانچە ئورگاننىڭ مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك كادىرى چىرىكلىك قىلمىشى تۈپەيلىدىن خىزمىتىدىن ۋە پارتىيەدىن ھەيدىلىش جازاسىغا ئۇچرىغان ئىدى.