خىتايدا ئاخباراتقا قارىتىلغان چەكلىمىلەر بارغانچە كۈچەيتىلىۋاتقان مەزگىلدە خىتاي مەركىزىي خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن پارىخورلۇق قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سانى بارغانچە كۆپەيگەن.
خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» نىڭ 12 - ئاپىرىلدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خادىملىرىدىن پارىخورلۇق قىلمىشلىرىغا چېتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغانلار 34 كىشىگە يەتكەن. نۆۋەتتە 29 خىزمەتچى ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇلۇپ، قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلغان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇ 34 كىشى ئىچىدە، 2014 - يىلى ئىش ئورنىدا تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنغان خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاتاقلىق دىكتورى رۇي چېڭگاڭدىن باشقا، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىقتىساد قانىلىنىڭ باش دىرېكتورى گو چېنباۋ، 2015 - يىلى پارىخورلۇق بىلەن جازغا تارتىلغان مەركىزىي بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى لىڭ جىخۇانىڭ ئايالىنىڭ تۇغقانلىرىدىن لو فاڭخۇا، لى پېڭ قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن.
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ يىل فېۋرالدا خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلاردىن مۇتلەق ساداقەتمەنلىك تەلەپ قىلغان، خىتاي ئاخباراتلىرى ئۆز فامىلىسى «پارتىيە» دەپ ئېلان قىلىپ، شى جىنپىڭغا تولۇق ئىتائەتمەنلىك بىلدۈرگەن ئىدى.
