ئۈرۈمچى «چوڭ بازار» دىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئىزنالىرىنىڭ غايىب قىلىنىشى دىققەت قوزغىماقتا

خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئۈرۈمچىدىكى ساياھەت مەركىزى بولغان «خەلقئارا چوڭ بازىرى» دا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش باش تېما قىلىنغان بىر پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇلغان.

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن سۈرەتلىك خەۋەرلىرىدىن قارىغاندا، شۇ كۈنى چوڭ بازاردىكى مۇنارىغا «ئۇلۇغ خىتاي كومپارتىيەسى ياشىسۇن»، «مەڭگۈ كومپارتىيەگە ئەگىشىمىز» دېگەن خىتايچە سۆزلەر چىراغ ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن.

«خەلقئارا چوڭ بازىرى» ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ جايلاشقان دۆڭكۆۋرۈكتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى گەۋدىلەندۈرۈپ سېلىنغان ئورۇن بولۇپ، بۇ جايدا ئىلگىرى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ ئۇيغۇرچە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئۇيغۇرچە لوزۇنكىلار ساقلاپ قېلىنغانىدى.

بىراق، تەڭرىتاغ تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ رەسىملەردە دۇكان ۋىۋىسكىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ھەممە يەرنى چوڭ-چوڭ خىتايچە يېزىقلار، شوئارلار، لوزۇنكىلارنىڭ قاپلىغانلىقى، ئەكسىچە ئۇ يەردە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك كۆزگە چېلىقمايدىغانلىقى، سەيلە قىلىۋاتقانلارنىڭمۇ مۇتلەق كۆپىنىڭ خىتايلار ئىكەنلىكى دىققەت قوزغىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلىدىن كېيىن رايوندا يولغا قويغان ئوچۇق-ئاشكارا مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى ۋە ئۇيغۇرلارنى لاگېر ھەم تۈرمىلەرگە سولاش سىياسەتلىرىنىڭ مەھسۇلى، دەپ باھالىماقتا.