ئامېرىكا ئىستىخبارات دوكلاتى خىتاينىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن
ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات دېرىكتورلىقى 14-ئاپرىل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يىللىق ئىستىخبارات دوكلاتى يوللاپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن تەھدىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئاشكارلىشىچە، دوكلاتتا خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۇرۇنۇشى ئامېركا ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىپ، خىتاي بىلەن رۇسىيە پەيدا قىلىۋاتقان دۆلەت بىخەتەرلىك تەھدىتى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان.
دوكلاتتا خىتاينىڭ «يەر شارىۋىي كۈچ» بولۇش ئۇرۇنۇشى تەھدىتلەر تىزىملىكىدىكى 1-ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇپ، رۇسىيە، ئىران، شىمالىي كورىيە 2-ئورۇننى تۇتقان. «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، دوكلاتتا ئامېرىكانىڭ رۇسىيە ياكى خىتاي بىلەن ھەربىي توقۇنۇش يۈز بېرىشى ئالدىن پەرەز قىلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق ئىستىخبارات ئۇرۇشلىرى، تور ھۇجۇملىرى ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك تەسىر دائىرە تالىشىش رىقابەتلىرىنىڭ كەسكىنلىشىدىغانلىقى تەكىتلىگەن.
دوكلاتتا «خىتاي ھەر قايسى ساھەلەردە، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي، ھەربىي، تېخنولوگىيە ساھەلىرىدە ئامېرىكاغا خىرىس قىلىۋاتقان ۋە خەلقئارا قائىدىلەرنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بىر رىقابەتچىگە ئايلانماقتا» دېيىلگەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە كاشىلا قىلىش ئىستىراتېگىيەسى قوللانماقتىكەن. شۇنداقلا يۇقۇمقا قارشى تۇرۇشتىكى مۇۋەپپەقىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز «سىستېمىسىنىڭ ئەۋزەللىكى» نى بازارغا سالماقتا ئىكەن.